جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
تۈركىيە زۇڭتۇڭىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم.كىرىن 9-ئىيۇل مۇنۇلارنى جاكارلىدى: زۇڭتۇڭ ئەردۇئان شۇ كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، قارانچى ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا يېڭى كابېنت تەشكىللەش ھوقۇقى بەردى. تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلىنىشىچە، يېڭى ھۆكۈمەت 45 كۈن ئىچىدە كابېنت تەشكىللەپ بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا تۈركىيە يەنە بىر قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. 7-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا داۋۇت ئوغلى رەھبەرلىك قىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى %40.87 ئاۋازغا ئېرىشكەن. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتا ئېرىشكەن ئاۋازى يېرىمدىن ئاشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئالدىغا كابېنت تەشكىللەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلمەيدۇ، شۇڭا باشقا پارتىيەلەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved