فىرانسىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى، خان جەمەتى مادرىت كۇلۇبىنىڭ داڭدار ھۇجۇمچىسى بېنزىما يېقىندىن بېرى ئۆزىنىڭ فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى دوستى ۋالبۇيۇناغا جىنسىي تەھدىت سالغان گۇماندار دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، فىرانسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن. بېنزىمامۇ بۇ جىنايەتكە قاتناشقانلىقىنى ئىتىراپ قىلغان.
ئېگىلىنىشىچە، بېنزىما بۇ جىنايەتكە قاتناشقانلىقىنى ئىتىراب قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىتىراب قىلغىنى پەقەت دوستى ۋالبۇيۇناغا بۇ جىنسىي تەھدىتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويۇشلا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يېقىندا ئۇ ئۆزىمۇ بۇنىڭ «ناھايىتى چوڭ ئۇقۇشماسلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىر ئايدىن بېرى بېنزىمانىڭ بۇ خەۋىرى كۈچەپ تارقىتىلدى، سوتتا بېنزىمامۇ ئۆزىنىڭ بۇ جىنايەتكە قاتناشقانلىقىنى، لېكىن ھەرگىزمۇ جىنايەتچى ئەمەسلىكىنى بۇ جىنايەتكە كىرىپ قىلىشى پەقەتلا دوسلۇق يۈزىدىن ئىكەنلىكىنى، پەقەت ۋالبۇيۇنانىڭ پەخەس بولۇشىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېنزىما ۋالبۇيۇناغا ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك فىلىمىغا ئالاقىدار خەۋەرلىرىنى يەتكۈزگەن ھەمدە ئۇنىڭغا پۇل تۆلەپ بۇ بالا-قازانى يوقىتىشقا نەسىھەت قىلغان.
بېنزىما:«مىنىڭچە بۇ ناھايىتى چوڭ ئۇقۇشماسلىق، باشتا مەن ۋالبۇيۇنانى بۇ ئىشقا دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتكەن، مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلشىنى ئويلىغان، چۈنكى ئۇ مىنىڭ دوستۇم، مەن راستىنلا ئۇنىڭغا مۇشۇنداق بىر فىلىمنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ھەرگىزمۇ باشقا ئويۇم يوق، پەقەت ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش خالاس»، دېگەن.
بېنزىمانىڭ يېقىن دوستى زىنات (جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ بىرى) بىلەن بولغان تېلفۇن خاتىرىسى تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان، بېنزىما بۇنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە ئىسپات بوللالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بېنزىما: «مەن پەقەت ئۇنىڭغا قانداق ياردەم قىلىشنى سۆزلىدىم، ئىچىدە مىنىڭ تەكلىپىم بار، باشقا پىكىر يوق»، دېگەن.
ۋالبۇيۇنا ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، تاراتقۇلار بېنزىمانىڭ ئىنتايىن ئاچچىغى كەلگەنلىكىنى بىلدرۈگەن بولۇپ، بېنزىما :«شۇنداق، مىنىڭ ئاچچىغىم كەلگەن. مىنىڭچە بولغاندا ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلشتىن بۇرۇن ماڭا دەپ قويۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن مەن بۇرۇن ئېيتقاندەك، ئۇ مىنىڭ دوستۇم، مەن ئۇنى قورقۇتمىدىم، پەقەت ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى ئويلىدىم».
![]() |
500 مىليون فونىدسىتىرلىڭغا چېتىلغان، نامى «مالايسىيا تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت ئاجرىشىش دېلوسى» غا مالايسىيا پايتەختى كۇئالالامپۇر فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلىدۇ.
مالايسىيادا تۇغۇلغان بۇ بىر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved