چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نېفىتقا تايىنىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبسىتان چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا بولغان چەكلىمىنى تېخىمۇ قويىۋەتىش ۋە ۋىزا تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى سەئۇدى ئەرەبسىتانغا كېلىشكە جەلىپ قىلماقچى بولغان.
سەئۇدى ئەرەبسىتان ئىقتىساد شەھەر ئىدارىسىنىڭ باش كاتىپى رىياد شەھىرىدە تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: سەئۇدى ئەرەبىستان نۆۋەتتە چەتئەللىكلەرنىڭ پارچە سېتىش ساھەسىدىن باشقا تۆت ساھەدە كارخانىنىڭ %100 پاي ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە رۇخسەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
خىلالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان مەبلەغ سېلىش ئىدارىسى چەتئەللىكلەرنىڭ كارخانىنىڭ %100 پاي ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە يول قويۇلىدىغان تۆت ساھەنىڭ نامىنى تىلغا ئالغان، ئەمما تېخىمۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئاشكارلىمىغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، چەتئەللىك كارخانىچىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بازىرىدا ئوينايدىغان رولى ئىزچىل تالاش-تارتىش ئىچىدىكى مەسىلە بولۇپ كەلگەن. ئەمما نېفىت باھاسىنىڭ 30 دوللارغا چۈشۈپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ مالىيە كىرىمىز زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن، سەئۇدى ئەرەبىستان باشقا كىرىم مەنبەسىنى ئىزدەپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %15 تىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن خامچوت قىزىل رەقىمىنىڭ ئورنىنى تولۇقلىماقچى بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved