خېبېي ئۆلكىسى چېڭئەن ناھىيىسى شىنيى يېزىسىدا تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى ئايدىن ئارتۇق بولغان ۋۇ زىمىياۋ ئىسىملىك بوۋاق ئاز كۆرۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى ھايۋانات تېرىسى مېڭى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بىلەك، دۈمبە، باش قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى قوڭۇر ياكى قارا رەڭلىك داغلار قاپلاپ كەتكەن. زىمىياۋنىڭ ئاتا-ئانىسى نۇرغۇنلىغان دوختۇرلاردىن ئىگەللىشىچە، بۇ خىل غەلىتە كېسەللىكلەردە، بالا قانچە كىچىك بولسا، داۋالاش پۇرسىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدىكەن، بولمىسا بۇ كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ تېرە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. رەسىمدە زىمىياۋنىڭ سول بىلىكىنى قارا داغ پارچىلىرى قاپلاپ كەتكەن.
نۆۋەتتە، زىمىياۋنىڭ سول بىلىكىنى قارا داغ پارچىلىرى كەڭ كۆلەمدە قاپلىۋالغان بولۇپ، ئوڭ بىلىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئىنچىكە كۆرۈنگەن، «غايەت زور ھايۋانات تېرە مېڭى» نىڭ تەر چىقىرىشقا تەسىرى بولغانلىقتىن، زىمىياۋدا دائىم قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.
300-500 مىڭغا يېقىن داۋالىنىش خىراجىتىگە نىسبەتەن، تېرىقچىلىق بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قىلغان بۇ ئائىلە نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالغان. نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتى زىمىياۋ ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل ئىئانە قىلىشنى تەشكىللىگەن.
رەسىمدە زىمىياۋنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ كىيىمىنى كىيدۈرۈپ قويماقتا.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved