5–ماي ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەربىي كادىرلارنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6–مايدىن 31–مايغىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىم نۇقتىلىق تۈردە ماشىنا لايىھەلەش ۋە ياساش ، ئاپتوموبىل ، كومپيۇتېر ، كىلىنىكا مېدىتسىنا، كۈتۈش ، رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە قاتارلىق كەسىپلەرگە تېخنىك خادىم قوبۇل قىلىنىدىكەن .
قوبۇل قىلىنىدىغان ئوبيېكتلار ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن بولۇشى ، ئۆگەنگەن كەسپى قىسىمنىڭ كەسىپ تەلىپىگە ماس كېلىشى ، توي قىلمىغان بولۇشى ، ئەرلەر 24 ياشتىن تۆۋەن ، ئاياللار 23 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك ئىكەن ؛ سىياسىي ۋە بەدەن شارائىتى ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن . كەسپىي ئىقتىدار باھالاش ئېلىپ بېرىلىدىغان كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك ئىكەن .
بۇ قېتىملىق ھەربىي كادىر قوبۇل قىلىش داۋاملىق توردا تىزىملىنىدىكەن ، تىزىملاتماقچى بولغانلار توردىن پايدىلىنىپ قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەرنى تەكشۈرسە ، تىزىملاش ئۇچۇرىنى يوللىسا بولىدىكەن ، ئوقۇش تارىخى ۋە كەسپى توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدىكەن .
تىزىملاش تور ئادرېسى : http://www.gfbzb.gov.cn
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved