بۇرۇن چارچاش سۆزىنى جىسمانى جەھەتتىن ھېرىپ - چارچاشقا ئىشلىتەتتۇق . بۈگۈنكى ئۆگۈنۈش ، خىزمەت ، تۇرمۇش رېتىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتقان دەۋىردە بولسا ، ئادەملەر جىسمانى جەھەتتىن ئەمەس ، بەلكى پىسخىكىلىق جەھەتتىن چارچاپ قالىدىغان بولدى . بۇنىڭ بىلەن پىسخىكىلىق چارچاش " يۇشۇرۇن قاتىل " سۈپىتىدە ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە . ئەلۋەتتە ، بۇ خىل چارچاشنى تۈگىتىش ئۈچۈن ، پىسخىكىمزنى ئاسراپ ۋە ئۇنى تەڭشىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ .
سىز چارچىدىڭىزمۇ ؟ ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ .
ئادەملەر چارچىغاندا سىگنال بېرىدۇ ، بۇ سىگنال ئارقىلىق چارچىغان ياكى چارچىمىغانلىقنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ . مۇتەخەسسىسلەر ئۆزىنى سىناش ئۈچۈن تۈۋەندىكى 20 خىل ئەھۋالنى ئوتتۇرغا قويۇپ بەردى . قايسى نوقتا سىزدە مەۋجوت بولسا " توغرا " بەلگىنى قويۇڭ .
1- ئەتتىگىنى ھورۇنلۇق قىلىپ ، ئورنىڭىزدىن تۇرغۇڭىز كەلمەمدۇ .
2- ئاپتۇبوس كەلسە يۈگۈرىپ چىققۇڭىز كەلمەيدۇ .
3- پەلەمپەيگە چىققاندا پۇتىڭىزنى ئاران يۆتكەيسىز .
4- رەھبىرىڭىز ياكى تونىمايدىغان ئادەملەر بىلەن كۆرىشىشنى خالىمايسىز .
5- ماقالە يازغاندا ياكى دوكلات بەرگەندە ، داۋاملىق خاتالىق كۆرىلىدۇ .
6- گەپ قىلغاندا ئاۋازىڭىز ئىنچىكە ھەم قىسقا .
7- باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمايسىز .
8- داۋاملىق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالىسىز .
9- كۆپ چاي ئىچىسىز .
10- مايلىق نەرسىلەرنى يىگۈڭىز كەلمەيدۇ .
11- لازا سېلىپ تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىسىز .
12-قول - پۇتلىرىڭىز قېتىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز .
13- كۆزىڭىزنى ئاچالماي قالىسىز .
14- داۋاملىق ئەسنەيسىز .
15-يېقىن دوستىڭىزنىڭ تېلفون نۇمىرىنى ئەسلىيەلمەيسىز .
16- پۇتىڭىزنى جوزىنىڭ ئاستىغا سۇنۇپ ئولتۇرغىڭىز كېلىدۇ .
17- ھاراق ، تاماكىغا ئالاھىدە ئامراق .
18- سەۋەپسىز سەمرىپ ياكا ئورۇقلاپ كەتتىڭىز .
19- ئوڭايلا ئىچىڭىز سۈرۈپ قالىدۇ ، ياكى قېتىپ قالىدۇ .
20- ئۇيقىڭىز كېلىدۇ ، بىراق كارىۋاتقا چىقسىڭىز ئۇخلىيالمايسىز .
يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنىڭ 2 سى بولسا ، يەڭگىل دەرىجىلىك چارچاش مەۋجوت بولىدۇ ؛ 4 سى بولغان بولسا ، ئوتتۇرھال دەرىجىلىك چارچاش بولىدۇ ؛ ئەگەر 6 سىدىن يۇقىرى بولغان بولسا ، ئېغىر دەرىجىلىك چارچاش بولۇپ ، چوقۇم ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلىشىڭىز كېرەك .
سىز قايسى خىلدىكى ھاردۇق يېتىشكە كىرىسىز .
ھاردۇق يېتىشنىڭ سەۋەبى كۆپ بولۇپ ، ئاساسلىق جىسمانى جەھەتتىن چارچاش ، مىڭىسى چارچاش ، پىسخىكىلىق چارچاش ۋە ئونۋىرسال چارچاش قاتارلىقلار بار .
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved