2015-يىل غول تاۋارلارغا نىسبەتەن خۇددى يامان چۈش كۆرگەندەكلا بىر يىل بولدى. ھەمدە بۇ يامان چۈش 2016-يىلغىمۇ سوزۇلۇپ كىرىپ كەلدى، قارىغاندا ئەھۋال ئۆتكەن يىلقىدىنمۇ ناچار بولىدىغاندەك قىلىدۇ.
2016-يىلنىڭ باشلىنىشىدا غول تاۋارلار بازىرى ئۇنچە ياخشى بولمىدى، بلومبېرگ سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 22 خىل خام ماتېرىيال باھاسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن بلومبېرگ غول تاۋار كۆرسەتكۈچى يىل بېشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە 10 سودا كۈنىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا 5% چۈشۈپ كەتكەن. بۇ سانلىق مەلۇمات 1992-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار بولغان باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ.
ئېنىرگىيە، سانائەت خام ماتېرىياللىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساھەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىىس مۇشۇ ئەھۋالدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە WTIخام نېفىت باھاسى ھەر تۇڭى 30 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى، COMEXمىس قەرەللىك مېلىمۇ چۈشۈپ ھەر بىر قادىقى 2 ئامېرىكا دوللىرى بولدى، تەبىئىي گاز قەرەللىك مېلى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 2.24 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى.
ئۆتكەن يىل ئېنىرگىيە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە قىممەتلىك مېتال قاتارلىق كۆپ قىسىم غول تاۋارلار تەمىنلەشنىڭ ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن باھاسى چوڭ چۈشۈپ، تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان- ئۇدا بەش يىل يىل بويى باھاسى چۈشكەن ھالەت كۆرۈلدى.
يېڭى يىلغا كىرگەندىن كېيىن، خام نېفىت ۋە مىس باھاسىنىڭ چۈشۈشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتتى. WTIخام نېفىت باھاسى چارشەنبە كۈنى ھەر تۇڭى 30 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى، بۇ 2003-يىل 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە.
COMEXمىس باھاسىمۇ چۈشۈپ، ھەر بىر قادىقى 1.9525 ئامېرىكا دوللىرى بولدى، بۇ 2009-يىل 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولۇپ قالدى.
دۇنيادىكى ئاساسلىق تاۋار ئىشلەپچىقىرىش بازىرىلىمۇ غول تاۋارلار باھاسىنىڭ چۈشۈشى تەسىرىگە ئۇچرىدى. Chevronيېڭى يىلدا پاي باھاسىنىڭ چوڭ چۈشۈشىگە ئۇچرىدى، يىل بېشىدىن ھازىرغىچە 10% چۈشۈپ، 1982-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار بولغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى. Freeport-McMoRanنىڭ پاي باھاسى دۈشەنبە كۈنى 20% چۈشۈپ، 1995-يىل بۇ پاي بازارغا سېلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۈندىلىك چۈشۈش بولۇپ قالدى، سەيشەنبە كۈنى يەنە 12% چۈشتى.
تېخىمۇ يامان بولغىنى فوند چۈشۈپ، خام ماتېرىياللار باھاسى ئۈچۈن ئوت ئۈستىگە ماي چېچىشى بولدى. 5-يانۋارغىچە 18 خىل خام ماتېرىيال قەرەللىك مېلىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۇنۋېرسال كۆرسەتكۈچى بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ھالىتىدە بولدى.
جۇڭگو قاتارلىق ئاساسلىق غول تاۋارلار ئىمپورت دۆلەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەنگە قارىغاندا خام نېفىت، تۆمۈر رۇدىسى قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالىنى ھەل قىلىش قىيىن، كۆپ قىسىم مەبلەغ بانكىلىرى بەس بەستە غول تاۋارلار كەلگۈسىگە بولغان مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى.
باركلاينىڭ مۆلچەرىچە بۇ يىل خەلقئارا مىس ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر توننىسى 4350 ئامېرىكا دوللىرى، مۆلچەردىكى 5625 ئامېرىكا دوللىرىدىن خېلىلا تۆۋەن.
مەزكۇر بانكىنىڭ قارىشىچە، مىسنىڭ تەمىنلىنىشى بۇ يىلدا 250 مىڭ توننا ئېشىپ كەتكەن.
ANZ Bankنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۆمۈر رۇدىسى باھاسى 35 ئامېرىكا دوللىرىنى بۇزۇش ئېھتىماللىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. گولدمان 2016-2018-يىلغىچە بولغان تۆمۈر رۇدىسى باھا مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى. 2016-يىللىق باھا مۆلچەرى ھەر توننىسى 38 ئامېرىكا دوللىرىغا، 2017-2018-يىلدىكى باھا مۆلچەرىنى 35 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلەتتى.
كانادا خانلىق بانكىسى 2016 -يىللىق WTIخام نېفىت باھا مۆلچەرىنى 12 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلىتىپ، ھەر تۇڭىنى 40 ئامېرىكا دوللىرى، 2017-يىللىق WTIخام نېفىت باھا مۆلچەرىنى 5 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلىتىپ، ھەر تۇڭىنى 57 ئامېرىكا دوللىرى دەپ مۆلچەرلىدى. فرانسىيە گۈللەندۈرۈش بانكىسى 2016-يىللىق WTIخام نېفىت باھا مۆلچەرىنى 9.25 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلىتىپ، ھەر تۇڭىنى 40.50 ئامېرىكا دوللىرى، 2016-يىللىق برېنت خام نېفىت باھا مۆلچەرىنى 11.25 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلىتىپ، ھەر تۇڭىنى 42.50 ئامېرىكا دوللىرى دەپ مۆلچەرلىدى.
سېلىشتۇرۇشلار ئارقىلىق، بىردىنبىر يارقىن نۇقتىنىڭ ئالتۇن ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، ئالتۇننىڭ ئەنئەنىۋى خەتەردىن ساقلىنالايدىغان مۈلۈك بولۇش سالاھىيىتى نامايەن بولدى. پۈتۈن دۇنيادىكى پاي بازىرى ۋە پېرىۋوت بازىرى بىر مەيدان قارا بۇلۇت ئاستىدا تۇرغاندا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئۆرلىدى. 4-يانۋاردىن تۈنۈگۈنگىچە نيۇيورك ئالتۇن باھاسى 2.3% ئۆرلىدى.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved