يېقىندا، دۇڭنەن DX7 كەيشۈەن نۇسخا ماشىنا تىپى رەسمىي بازارغا سېلىندى، بۇ ماشىنا چەكلىك نۇسخىدا بازارغا سېلىنىدۇ، چەكلىك مىقدارى 2000 دانە. بۇندىن سىرت، بۇ ماشىنا 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي سېتىلىدۇ، ۋاقىت دەۋرى تەخمىنەن بىر يېرىم ئاي. سېتىش تەرەپتە، يېڭى ماشىنىنىڭ باھاسى 113.9 مىڭ يۈەن.
دۇڭنەن DX7 كەيشۈەن نۇسخا ماشىنا تىپى ھازىر سېتىلىۋاتقان قول خوتلۇق سەرخىل نۇسخا ماشىنا تىپى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن، سىرتقى قىسىم سەپلىمىسى موللاشقان.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى تەرەپتە، دۇڭنەن DX7 كەيشۈەن نۇسخىسىغا 1.5T لىق ماتور سەپلەنگەن، بۇ ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 115 كىلوۋات، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 215 ن.م، ھەرىكەت ئۇزىتىشقا ئالتە خوتلۇق قول خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved