ئېلىمىز غەربىي رايون قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىش كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىدۇ
قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنى يېقىندا چىڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ چى مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىدا پايدىلانمىغان نۇرغۇن يەر بار، قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىش بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، شۇ جايلاردا قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىش كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى تىرەك ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىش-مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ، ئېلىمىز بۇ ساھەدە يوشۇرۇن كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئىگە.
ليۇ چى كېيىنكى قەدەمدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىشنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: 1-قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىش بايلىقىنى تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىشنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى ياخشى تۈزۈش كېرەك؛ 2-بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشلىرىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، بالدۇر باشلاپ، بالدۇر ئىزدىنىپ، بالدۇر تەجرىبە توپلاپ، كەسىپنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىش لازىم؛ 3-ئالاقىدار قوللاش سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنىڭ توك باھا سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ تەڭشەش ۋە چىقىرىش كېرەك؛ 4-قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىشنىڭ ھالقىلىق تېخنىكىلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈش لازىم، دۆلەت كارخانا سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ، كۈچ تەشكىللەپ يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ياساپ، قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىش تېخنىكىسىنىڭ خەلقئارادىكى رىقابىتىدە پايدىلىق ئورۇننى تېرىشىپ ئىگىلەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved