دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى 12-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تۇرمۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىلىدىغان ساقلانما تەبىئىي گازنىڭ ھەر كۇپىنىڭ پارچە باھاسىنى 0.4 يۈەن ئۆستۈرۈش، تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان گاز باھاسىنى تەڭشىمەسلىكنى قارار قىلدى. بۇ ئېلىمىز تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشتا كىرىم چىقىمنى قامدىيالماسلىق ئەھۋالىنى يېنىكلىتىپ، بايلىقنى ئۈنۈملۈك تېجەپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەبئىي گاز باھاسىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، 2013-يىل 6-ئايدا دۆلەت تەبىئىي گاز باھاسىنى تەڭشەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ساقلانما گاز بىلەن ئاشۇرما گازنى ئايرىپ، ئاشۇرما گاز باھاسىنى بەدەل ئېنېرگىيە باھاسى بىلەن مۇۋاپىق باھا نىسبىتى مۇناسىۋىتىنى ساقلاش سەۋىيەسىگە يەتكەنگە قەدەر تەڭشەش، ساقلانما گاز باھاسىنى 3 يىلغا بۆلۈپ تەڭشەش ۋە بۇنى 2015-يىلىغا بارغاندا تاماملاشنى پىلانلىغانىدى. بۇ قېتىم تۇرمۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىلىدىغان ساقلانما گاز باھاسىنى تەڭشەش ساقلانما تەبىئىي گاز باھاسىنى باسقۇچقا بۆلۈپ تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئىككىنچى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved