جاھان ئاگېنتلىقى 19-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: كۈرت قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى كوبانىيدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى سۇرىيەلىك كۈرت پاناھلانغۇچىلار كوبانىيغا قايتىشقا باشلىدى. يېقىنقى بىر ئايدا 31 مىڭ پاناھلانغۇچى كوبانىيغا قايتتى.
ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركەزلىرىدە تۇرغان مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسىم دۆلىتىگە قايتىشنى تاللىغان بولۇپ، يەنە بىر قىسمى تۈركىيە باش مىنىستىرلىك ئاپەت ۋە جىددى ئەھۋال ئورگىنى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن سۇرۇچ رايۇنىدىكى مۇساپىلار لاگېرىدا تۇرماقتا. شانلىئۇرفانىڭ سۇرۇچ رايۇنىدا سۇرىيەلىك كۈرت مۇساپىرلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇساپىرلار لاگېرىدىكى پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 17 مىڭدىن ئاشتى.
سۇرۇچ رايۇنى باشلىقى ئابدۇللاھ چىفىتچى، ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا سۆز قىلىپ، پاناھلانغۇچىلارنىڭ چېدىر مەھەللىسىگە داۋاملىق كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئابدۇللاھ، «تۈركىيە باش مىنستىرلىكى ئاپەت ۋە جىددى ئەھۋال ئورگىنى تەرىپىدىن قۇرۇلغان چېدىر مەھەللىسىدىكى ئىمكانىيەت-شارائىتلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، چدىر مەھەللىسىگە كېلىۋاتقان پاناھلانغۇچىلارنىڭ كۆپىيۋاتقانلىقىنى ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا نىسبەتتە 500 مۇساپىرنى قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، ھازىر لاگېردا تۇرىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ سانى 17 مىڭ 500 كىشى بولۇپ، مۇشۇ يېقىنقى بىر يېرىم ئاي ئىچىدە 35 مىڭغا يىتىدۇ دەپ مۆلچەرلىۋاتىمىز» دېدى.
ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى كوبانىينى قورشاۋغا ئېلىپ ھۇجۇم قىلىشنى 2014-يىلى 13-سىنتەبىردا باشلىغان بولۇپ، 2-ئۆكتەبىردە كوبانى ئەتراپىدىكى بىر قانچە يېزىنى كونتروللىقىغا كىرگۈزدى. بۇ تەشكىلات رايۇندىكى كۈرت قۇراللىق تەشكىلات بىلەن تۇقۇنۇشقان بولۇپ 5-ئۆكتەبىردە رايۇننىڭ مەركىزىگە يېقىنلاشقاندا 300 مىڭ كۈرت ئۆيلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى، تۈركىيە بىر كۈن ئىچىدە 180 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرنى كۈتىۋالغان.
كوبانىيدىن پۇقرالار ئايرىلغاندىن كېيىن تەخمىنەن 5 ئاي تۇقۇنۇش داۋاملاشتى. ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئىتتىپاق قىسىملىرى ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق كۈرت قۇراللىقلىرىغا ياردەم بەرگەن بولۇپ، ئىراق كۈردىستان رايۇنلۇق ھۆكۈمىتىمۇ تۈركىيە ئارقىلىق كىرگۈزگەن «پەشمەرگە» قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەش قىلدى.
كۈرت قۇراللىق كۈچلىرى 26-يانۋاردا كوبانىنىڭ مەركىزىنى تامامەن كونتروللىقى ئاستىغا ئالغان بولۇپ، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە ئەركىن سۇرىيە ئارمىيسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى كۈرت قۇراللىق كۈچلىرى بىر قانچە كۈن ئىچىدە 120 يېزىنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىدىن قايتۇرۋالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved