شىنخۇا تورى سىئول 4-ئىيۇل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئىيۇل سىئولدا، كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو -كورىيە ئىقتىساد -سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشتى. شى جىنپىڭ ‹‹ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى›› دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد -سودا ھەمكارلىقى تەبئىي شارائىت، جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە ئادىمىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت كارخانلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى ھازىرلاپ بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ ئىقتىساد -سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەر پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرنىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ ئىقتىساد -سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved