تېڭشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا موسكۋادا رۇسىيىنىڭ ھېچكىمگىمۇ تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى رۇسىيىنىڭ رايون سىياسىيىسى سۈيقەستىگە ئارىلىشىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ كۈنى قوراللىق كۈچلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ روسىيەنى ئۆزلىرى لايىھىلىگەن رايون سىياسىي سۈيقەستىگە سۆرەپ كىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ لېكىن رۇسىيىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى رايون سىياسىيىسى سۈيقەستىگە ئارىلىشىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى .پۇتىن مۇنداق دېدى :‹مەيلى كىم روسىيەنى شۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا جەلپ قىلسۇن ياكى مەيلى كىم قانداق قىلسۇن روسىيە ھەر قانداق كىشىگە تەھدىت سالمايدۇ .شۇنداقلا ھەر قانداق رايون سىياسىيىسى ،ئويۇنى ياكى سۈيقەستىگە ھەتتا تۇقۇنۇشىغا ئارىلىشىپ قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ ›.
پۇتىن روسىيە قوراللىق كۈچىنىڭ باش قوماندانى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن روسىيە قوراللىق كۈچىدىن پۈتۈن كۈچى بىلەن روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى .ئۇ يەنە دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىگە چېتىلدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت ئورگانلىرى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى .پۇتىن رۇسىيىنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە پىلانى 2013-يىلى يانۋاردا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان روسىيە دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدە بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى .بۇ روسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك پىلانى ۋە قوماندانلىق ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .پۇتىن يەنە ئۆزىنىڭ روسىيە قوراللىق كۈچىنىڭ كەلگۈسى ئون يىلدىن ئون بەش يىلغىچە بولغا ن تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىش ئۈچۈن رۇسىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە قوراللىق كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ھەققىدىكى بىر قاتار يىغىنلارنى ئېچىپ ئىستىراتېگىيىلىك پىلاندىن ئادەتتىكى ھەر قانداق پىلاننى يەشكۈچە بولغان نەتىجىنى يەكۈنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .24-نويابىر پۇتىن روسىيە مۇداپىئە سانائىتى تەرەققىياتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ،شىمالىي قۇتۇپ ئىستىراتېگىيىلىك قوماندانلىق شىتابى قۇرۇش ۋە قىرىم يېرىم ئارىلىغا روسىيە ھەربىي قوشۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنى چىقاردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved