فرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 23- ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى شۇ كۈنى ئىراق زۇڭتۇڭى مەسۇمغا تېلېفون بەردى، مەسۇم، فرانسىيەنىڭ ئىراق بىخەتەرلىكى خەلقئارا يىغىنىنى ئىچىش تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ھوللاندى مەسۇم بىلەن چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ئىككىيلەن، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قايتىدىن ئورنىتىپ، ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ماسلىشىش يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك، دەپ ھېسابلىدى.
ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ھوللاندى ئۆزىنىڭ ئىراق بىخەتەرلىك يىغىنىنى ئىچىشنى تېزدىن تەشكىللەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەكلىپىنى بېكىتتى، مەسۇم بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: فرانسىيە بىلەن ئىراق بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەرنى بۇنىڭغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved