[يەرشارى تورى ئۇۋېرسال خەۋىرى]
ئەنگىلىيەنىڭ ‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›نىڭ 26-چىسىلادىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بۇلىدىكى، يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكى ۋە شامالدارىپ قېلىش(سەكتە) كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى كۆپىنچە ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىم ئەتراپىدا بۇلىدىكەن.
مەشھۇر داۋالاش ئەترىتى، نېمىشقا يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكى بىلەن شامالدارىپ قېلىش كېسىلىنىڭ ئاساسىقى ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىم ئەتراپىدا قوزغىلدىغانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان،ھەمدە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق يىپ ئۇچىنىڭ ، بۇۋاقىتتا ، ئادەم بەدىنى بىئولوگىيلىك سائىتىنىڭ ئەڭ ئاجىز بۇلىدىغانلىقى،ھەمدە بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلىقىنىڭ مەلۇم بىر خىل ئاقسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
ئون ئىككى نەپەر ساغلام پىدائىي تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارىنى تەكشۈردى،ۋە ئىككى ھەپتىلىك تەتقىقات ئېلىپ باردى، تەكشۈرۈش مەقسىتى بولسا، ئادەم تېنى بىئولوگىيلىك سائىتى بىلەن ئىنسانلار پائالىيەت ۋاقتىنىڭ ، ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىل مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش بولدى. تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى،بۇ ئىش ئادەم تېنىدىكى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى فېرمېتلىق ئېرىتكۈچى تەنچە ئىنگىبىتورى1(pal-1) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ قاننىڭ پارچىلنىشىنى كېڭەيتىۋېتىدىكەن.
باشقا ژورناللاردا كۆرسىتىلىشىچە 1(pal-1) نىڭ بىر دەۋرىيلىك قانۇنىيتى بۇلۇپ، ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن يۈرەك قان تۇمۇر كېسىلى ۋە شامالدارىپ قېلىش (سەكتە)كېسىلىنىڭ ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بۇلىدىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved