سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى رىيادقا بارىدۇ

جاھان ئاگېنتلىقى 7-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى، قولتۇق دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ « رىيادتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سۇرىيە ئۆكتىچلەر يىغىنى» تەكلىپىگە ئىجابىي قارىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سۇرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقلابچى كۈچلەر ئىتتىپاقى باش كاتىبى يەھيا مەكتەبى، رىياد تەرەپتىن كەلگەن « ئۆكتىچىلەر يىغىنىغا قاتنىشى تەكلىپى» گە ئىجابى قارايدىغانلىقىنى ۋە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەكتەبى، «قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە ئىنقىلابىغا قىلغان ياردىمىگە مىننەتدارمىز» دەپ جاۋاپ قايتۇردى. مەكتەبى، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئ‍ېلىپ، بۇنىڭ ئەسەدتىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ۋە سۇرىيەنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور ھەسىسە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەكتەبى، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرغا قويۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ توختاپ قالغان يەردىن داۋاملىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەكتەبى يەنە، سۇرىيە ئىنقلابىنىڭ بىرىنجى نىشانى ئەسەدنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قاتناشماقچى بولغان ھەر قانداق مۇزاكىرىدە مۇشۇ مەقسەتتە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۆكتىچلەر يىغىنى ئېچىش تەكلىپى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا 5-ماي ئۆتكۈزۈلگەن قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدى. قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پۈتۈن سۇرىيەلىك ئ‍ۆكتىچىلەرنى رىيادتا ئۇچراشتۇرىدىغان بىر چوڭ يىغىنى ئېچىش تەكلىپىنى سۇنغان ئىدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تېخىچە ئېلان قىلىنمىدى.
رىيادتا 5-مايدا ئېچىلغان قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇرىيە كىرزىسىنىڭ ھەل قىلىنىش نوقتىسىدا جەنۋە.1 قارارىنى مۇۋاپىق كۆرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. پادىشاھ سەلمان مۇنداق دېگەن؛ « سۇرىيە كىرزىسىنىڭ مۇساپىسى ئۇزاردى. قېرىنداش سۇرىيە خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى كۆپەيدى، تېرور كەڭ تارقالدى، بىز جەنۋە.1 يىغىنىدا ماقۇللانغان ۋە ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن ۋەكىللىرى قاتناشمايدىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش قارارىنى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن چىقىش يولى دەپ قارايمىز».



07-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    گۇگىل نۆۋەتتە «Area 120» دەپ بىر بۆلۈم قۇرغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىشلىتىدىكەن، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى Don Harrison ۋە Bradley Horowitz بۇ بۆلۈمنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلى ئىك...
30-04-2016
    « يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى » 4-ئاينىڭ 27-كۈنى تەيۋەن «بىرلەشمە ئاخبارات تورى» خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند خەلقىنىڭ قەنت قوبۇل قىلىش مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، سېمىزلىك يۈرەك قان تومۇر ...
30-04-2016
     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تايلاند شاھزادىسى دىپاڭكورن (Dipangkorn Rasmijoti) نىڭ 11 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى ۋەلىئە...
30-04-2016
ئىككى يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ قولىدا يېمەكلىك ئورايدىغان بىر پارچە قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى خادىملارنى ھەپتىدە ئىككى كۈن ئىشل...
30-04-2016
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى : دىپلوماتىيە مىنىستى...
30-04-2016
    شىنخۇا ئاگېنىتلىقى لوس ئانجېلېس 29-ئاپرېل تېلگىراممىسى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەلباش نامزاتى دونالىد ترامپ 28-ئاپرېل كالفورنىيە شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورەيىنىج ناھىيىسىدە سايلام رىقابىتى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ي...
30-04-2016
    «يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ھەمكارلىقى كاتىبات باشقارمىسى2016-يىلى 4...
30-04-2016
شىنخۇا تورى تېز خەۋىرى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق پايتەختى باغداد ئەتراپىدا 30-ئاپرېل ماشىنا بومبا پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازا قىلىپ، 25 ئادەم يارىلانغان. خەۋەر قىلىنىشى...
30-04-2016
    كورىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گىيۇنھى 29- ئاپرېل چوڭۋادى شەھىرىدە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى قوماندانى كورتىش. سىكارپارورتىغا ۋەتەنپە...
30-04-2016
    ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 29-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، جۇڭگو ئامېرىكا ستېننىس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىنىڭ شىياڭگاڭنى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغان. ستېننس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى يېقى...
Powered by Leglek