دۈشەنبە 12-ئاينىڭ14-كۈنى ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ، 1070 دوللاردىن يۇقىرى نۇقتىنى ساقلاپ قالدى، بىراق ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم نىسبىتى قارار يىغىنىدىن بۇرۇن ئالتۇن بازىرىنىڭ تەۋرىنىشى چەكلىك بولىشى مۇمكىن.
ThinkTrading.com نىڭ تەھلىلچىسى Paul Rodriguez نىڭ قارىشىدا، قىسقا ۋاقىتلىق يۆنىلىشتىن قارىغاندا، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش ئېھتىماللىقى بار، ئالتۇن باھاسى ئاۋال ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسىتىپ، ئارقىدىن چۈشۈشى مۇمكىن، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1050 دوللاردىن تۆۋەنلەپ كەتسە 750 دوللارغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
جۈمە 12-ئاينىڭ11-كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن فوندى ETF نىڭ ئالتۇن زاپىسى 634.63 توننا بولۇپ ئالدىنقى كۈنگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشاش چىققان.
دۈشەنبە 12-ئاينىڭ14-كۈنى ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا، شاڭخەي ئالتۇن سودا مەركىزىنىڭT+Dئالتۇن باھاسى 223.7يۈەن/گىرام بولۇپ، 0.74 يۈەن ئۆسكەن، T+Dكۈمۈش باھاسى 3187 يۈەن/گىرام بولۇپ، 12يۈەن چۈشكەن.
بۇ ھەپتە بازارغا تەسىر قىلىدىغان مۇھىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ، بىراق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى دىققەت نۇقتىسىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم نىسبىتى قارار يىغىنىغا مەركەزلەشتۇردى. نۆۋەتتە بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى 80% كە يەتكەن. بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 03:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى 12-ئايلىق سىياسىي باياناتىنى ئېلان قىلىدۇ، ئارقىدىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېللىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved