دۇنيادىكى 10 چوڭ ئەڭ بىخەتەر ۋە ئەڭ خەتەرلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى

گەرچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ خەلىقئارالىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دۇنيانى ساياھەت قىلىشى كۈنسىرى ئاسانلاشقان بولسىمۇ، ئايروپىلان ۋەقەسى يەنىلا يۈز بېرىپ تۇرماقتا.يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ باھالاش تورىدا پۇتۈن دۇنيادىكى 448ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇش خاتىرىسى تەكشۈرۈلدى ھەمدە كۆپخىل سانلىق مەلۇمات ۋە ماتىرياللارغا ئاساسەن 2013-يىلىدىكى دۇنياۋى 10چوڭ بىخەتەر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى باھالاپ چىقىلدى.

 

  
  
1.ئاۋىستىرالىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Qantas

  ئاۋىستىرالىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى 1951-يىلىدىن بېرى ھىچقانداق ھايات ماماتلىق ۋەقەگە ئۇچىرمىغان، بىخەتەرلىكتە رەتكە تىزغاندا بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاۋىستىرالىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى1920- يىلى قۇرۇلغان. بۇ شىركەت غەرىب ئەللىرى ئارىسىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان، تاكى ھازىرغىچە ئۇچۇش جەريانىدا ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن ئاساسى ئىقىمدىكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى.


  
2. يېڭى زىللاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Air New Zealand
  
يېڭى زىللاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى دۇنيادىكى بىردىنبىر پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى دەپ باھالانغان. ھەر يىللىق يولۇچى توشۇش مىقتارى 12مىليون ئادەم قىتىمغا يىتىدۇ. 1979-يىلىدىن بېرى،يېڭى زىللاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر مىليون بەش يۈزمىڭ قىتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىدە ھىچقانداق ۋەقە كۆرۈلمىگەن.


  
  
3. سەئۇدى ئەرەمىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Emirates


  
29 يىللىق تارىخقا ئىگە سەئۇدى ئەرەبىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى تاكى ھازىرغىچە 2 قىتىم ۋەقەگە ئۇچىرغان. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 200 دىن ئارتۇق ئايروپىلانى بار بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى 60 دىن ئارتۇق دۆلەتكە قاتنايدۇ. 2013-يىلى بۇ شىركەت بۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بولغانSKYTRAX دۇنيا ئاۋىئاتسىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 
  
4. ئېتىھاد ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Etihad
  
2003- يىلى قۇرۇلغان ئېتىھاد ئاۋىئاتسىيە شىركىتى سودا ئاۋىئاتسىيە تارىخىدىكى ئەڭ تىز تەرەققى قىلىۋاتقان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.2010-يىلى بۇ شىركەتنىڭ ھەپتىلىك يولۇچى توشۇش مىقتارى سەئۇدى ئەرەبىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن تەڭلىشىپ قالاي دىگەن. بۇ شىركەتنىڭ ئايروپىلانلىرىمۇ ھازىرقىچە ھىچقانداق ھايات خەۋىپى ئېلىپ كېلىدىغان ۋەقەگە ئۇچىرمىغان.
  


  
5. گاتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Cathay Pacific
  
باش شىركىتى شىياڭگاڭدا بولغان گاتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 1946-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئايروپىلان ۋەقەسى 1972-يىلى يۈز بەرگەن. ئۇنىڭدىن كىيىنكى نەچچە ئون يىلدىن بېرى بۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى نۇقسانسىز ئۇچۇش خاتىرىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە.2013-يىلى گاتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچى توشۇش ئومومى مىقتارى 29مىليون919مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.
  
  
  
6. سىنگاپور ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Singapore Airlines
  
سىنگاپور ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۆز ساھەسىدە بىخەتەرلىكى ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۇسلۇبى جەھەتلەردە ناھايىتى داڭلىق. سىنگاپور ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يەنە ئاسىيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ۋە پۈتۈن دۇنيا بويىچە 3- بولۇپ خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە توشۇش بىرلەشمىسى يۈرۈشتۈرۈش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى.
  
  
7. ۋىرگىن ئاتلانتىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Virgin Atlantic
  
ۋىرگىن ئاتلانتىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولسا ۋىرگىن گوروھىنىڭ تارماق شىركىتى بولۇپ، باش شىركىتى ئەنگىلىيەدە. بۇ شىركەتنىڭ ھەر بىر نۆۋەتلىك ئايروپىلانىغا قاتتىق كابىنكا ئىشىكى ۋە يېپىق يوللۇق تىلىۋىزىيە نازارەت قىلىش سىستىمىسى ئورنۇتۇلغان، ھەمدە ئايرودورومدا يولۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرغان.
  
  
8. ئىۋا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى EVA Air

ئىۋا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرىدا 1989-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۇلگەن ۋەقە يۈز بەرمىگەن. بۇ شىركەت ئۇدا 10 يىل گىرمانىيەنىڭ نوپوزلۇق ئاۋىئاتسىيە ژۇرنىلىInternational AERO تەرىپىدىن 《ئون چوڭ بىخەتەر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى》 دەپ باھالانغان.

 

  
  
9.ئال نىپپون ئاۋىئاتسىيە شىركىتى All Nippon Airways
  
ئال نىپپون ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئاسىيا ۋە ئوكىئانىيە قىتئەسىدىكى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر ئەڭ ئاز يۈز بەرگەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، تەخمىنەن 100 نۆۋەتلىك ئايروپىلاندا كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىش نىسپىتى0.22پىرسەنت.SKYTRAXبۇلتۇر بۇ شىركەتنى بەش يۇلتۇزلۇق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى دەپ باھالىدى. بۇ يەنى دۇنيادىكى 7- بولۇپ بۇ شەرەپكە نائىل بولغان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى. 

  
  
10. خان جەمەتى ئىئوردانىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Royal Jordanian
  
خان جەمەتى ئېئوردانىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ باش شىركىتى ئىئوردانىيەنىڭ ئاماندا بولۇپ ، خەلىقئارالىق ھاۋا لىنىيىسى 4 قىتئەنى قاپلىغان. بۇ شىركەت2004-يىلى خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە توشۇش بىرلەشمىسى يۈرۈشتۈرۈش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، ھازىرغا قەدەر تۈزۈمگە خىلاپ ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.


  
  
يېقىندا ئامرىكا داڭلىق تور بىكىتى askmen ھەرقايسى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئۇچىرغان ۋەقە سانى ۋە تاماملىغان ئۇچۇش قىتىم سانىنىڭ نىسپىتىگە ئاساسەن دۇنيادىكى 10 چوڭ ئەڭ خەتەرلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى باھالاپ چىقتى.

 

 

دۇنيادىكى 10 چوڭ ئەڭ خەتەرلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى

 


  
1. كۇبا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Cubana Airlines
  
  
  
كۇبا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى خەلىقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئارىىسدا ئەڭ ناچار بىخەتەرلىك رىكورتىنى ياراتقان. بۇ شىركەتنىڭ ئايروپىلانى باشقا رەتكە تىزىلغان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە سىلىشتۇرغاندا ئايروپىلانى خېلىلا ئاز بولسىمۇ، لىكىن ئاۋارىيە دائىم يۈز بېرىپ تۇرغان. ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قىتىملىق ئاۋارىيە 1991-يىلى يۈز بەرگەن. كۇبانىڭ بىر روسىيەدە ياسالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋىنسۇئىلانىڭ ۋالىنسىيە دىگەن يېرىدە يەرگە چۈشۈپ كىتىپ 22 ئادەم قازا قىلغان.


تاماملىغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇش قىتىم سانى:320مىڭ


ئاۋارىيە سانى :8

 

قازا قىلغان ئادەم سانى:404

  
  
  
  
2. جۇڭخۇا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى China Airlines
  
يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان بىر قانچە ئاۋارىيە يۈز بەرگەن بولۇپ، ناھايىتى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەڭ ئەڭ ئېغىر بولغىنى 2002-يىلىدىكى تەيۋەندىن شىياڭگاڭغا ئۇچقان ئايروپىلاننىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشى، بۇ قىتىمدا 225 ئادەم قازا قىلغان.
  
  
  تاماملىغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇش قىتىم سانى:910مىڭ
  ئاۋارىيە سانى :6
  قازا قىلغان ئادەم سانى:763 

  

3ئېران ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Iran Air
  
  
  
  
20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 20 يىلى ئىچىدە، ئېران ئاۋىئاتسىيىسىدە 3 قىتىم چوڭ ئاۋارىيە يۈز بەرگەن. يېقىنقى 10يىلدىن بۇيان يەنە 3 قىتىم ئاۋارىيە يۈز بەرگەن، ئەڭ ئىغىر بولغىنى1988-يىلى، ئېران ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر ئايروپىلانى چۈشۈپ كىتىپ 300 ئادەم قازا قىلغان.
  
  
  تاماملىغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇش قىتىم سانى:970مىڭ
  ئاۋارىيە سانى :6
  قازا قىلغان ئادەم سانى:708

 

 
4.فىلىپپىن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Philippine Airlines
  
  
فىلىپپىن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىر يۈرۈش تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ بۇ تىزىملىككە چۇشۇپ قالغان. بۇ شىركەتنىڭ 70 يىللىق تارىخى جەريانىدا .ئاز دىگەندە 3 قىتىم بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ۋە بىر قىتىم ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان. ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قىتىملىق ۋەقە بولسا، ئايروپىلاننىڭ ھاجەتخانىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ پۇتۈن ئايروپىلاننىڭ پارچىلىنىپ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئايروپىلاندىكى 36 ئادەم قازا قىلغان.
  
  
  تاماملىغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇش قىتىم سانى:بىر مىليون180مىڭ
  ئاۋارىيە سانى :6
  قازا قىلغان ئادەم سانى:107

  
5. كېنىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Kenya Airways
  
  
  
  
گەرچە بۇ شىركەتنىڭ ئايروپىلاندا پەقەت 2 قىتىم ئاۋارىيە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، نىسپەتەن ئاز بولغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان قىتىم سانى بۇشىركەتنىڭ ئاۋىئاتسىيىسىنى ناھايىتى خەتەرلىك قىلىپ كۆرسىتىپ قويغان. بۇ 2 ئاۋارىيە كىچىدە يۈز بەرگەن. 2000-يىلى، بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كىتىپ 169 ئادەم قازا قىلغان.2007-يىلى، بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى كامىرونغا چۈشۈپ كىتىپ 114 ئادەم قازا قىلغان.
  
  
  تاماملىغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇش قىتىم سانى:450مىڭ
  ئاۋارىيە سانى :2
  قازا قىلغان ئادەم سانى:283
  


6. مىسىر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Egypt Air
  
20-ئەسىرنىڭ 70-يللىرىدىن بۇيان، مىسىر ئاۋىئاتسىيىسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. ئەڭ ئېغىر ئاۋارىيە 1999-يىلى يۈز بەرگەن ،بۇ شىركەتنىڭ نيۇيورك كېننىدى ئايرودورومىدىن قاھىرەگە قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئايروپىلاندىكى 217 ئادەمنىىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
  
  
  تاماملىغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇش قىتىم سانى:1مىليون 70مىڭ
  ئاۋارىيە سانى :4
  قازا قىلغان ئادەم سانى:402

  
7.پاكىستان خەلىقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىPakistan International Airlines
  
پاكىستان خەلىقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولسا ئاسىيادىكى تۇنجى بولۇپ يولۇچىلار رېئاكتىۋ ئايروپىلانى ئىشلەتكەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى. تارىختا ئاۋارىيەكۆپ قىتىم يۈز بەرگەن .ئەڭ ئېغىر ئاۋارىيە 1992-يىلى يۈز بەرگەن ،نىپالغا قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ناچار ھاۋا تەسىرىدىن تاغلىق رايونغا چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئايروپىلاندىكى 167 ئادەم قازا قىلغان.
  
  
  تاماملىغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇش قىتىم سانى:1مىليون 430مىڭ
  ئاۋارىيە سانى :5
  قازا قىلغان ئادەم سانى:440
 

 
8.كولۇمبىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Avianca
  
گەرچە كولۇمبىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ ، لىكىن كۆپ قىتىم يۈز بەرگەن ئاۋارىيە ئۇلارنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرگەن.ئەڭ ئېغىر ئاۋارىيە 1983-يىلى يۈز بەرگەن ، بۇ شىركەتنىڭ بىر ئاروپىلانى مادرىددا چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئايروپىلاندىكى 181 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
  
  
  تاماملىغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇش قىتىم سانى:1 مىليون 470مىڭ
  ئاۋارىيە سانى :4
  قازا قىلغان ئادەم سانى:500
  
 

 
9. ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تايلانت خەلىقئارا Thai Airways
  
20- ئەسىرنىڭ 80-90يىللىرىدا ئاۋارىيە كۆپ يۈز بەرگەن، كىشىكەر قورقۇپ يىراق تۇرىدىغان بولۇپ قالغان. ئەڭ ئېغىر ئاۋارىيە 1992-يىلى يۈز بەرگەن، يولۇچىلار ئايروپىلانى كاتماندۇدىن ئۇچۇشقا كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن چۈشۈپ كەتكەن ۋە 113 كىشى قازا قىلغان.
  
  
  تاماملىغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇش قىتىم سانى:1 مىليون980مىڭ
  ئاۋارىيە سانى :4
  قازا قىلغان ئادەم سانى:352
 

 
10. ھىندونوزىيە بۈركۈتى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Garuda
  
ھىندونوزىيە بۈركۈتى ئاۋىئاتسىيىسىدە كۆپ يىلدىن بېرى ئاۋارىيە ئۈزۈلمىگەن. ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قىتىملىقى 1997-يىلى يۈز بەرگەن، بۇ چاغدا ئورمانلىققا كەتكەن ئوت كۆرۈش دەرىجىسىنى تەسىرگە ئۇچراتقان بولغاچقا ، يولۇچىلار ئايروپىلانى تاغ ئارىسىدا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ۋە 234 ئادەم قازا قىلغان.
  

  تاماملىغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇش قىتىم سانى:2مىليون
  ئاۋارىيە سانى : 4

     

 قازا قىلغان ئادەم سانى:431

 

 

لەگلەك تورى تەرجىمىسى  



خەتكۈچلەر:
13-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek