جاھان ئاگېنتلىقى 3-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەنگە قارشى باشلانغان «كەسكىن قارا بورىنى» ھەرىكىتى ھۇجۇمىدا ئەدەن قولتۇقىدا توختىتىلغان ئۇرۇش كېمىلىرىنىڭ ھۇسىيلەرگە قاراشلىق قىسىملارنى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ساقچى دائىرلىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئەدەن قولتۇقىدا توختىتىلغان جەڭ كېمىلىرى خەلقئارا ئەدەن ئايرۇدرومى ئەتراپىدىكى ھۇسىي ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتىگە قاراشلىق ھەربىي كۈچلەرگە زەربە بەردى.
يەرلىك دائىرلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئايرۇدروم رايۇنىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانغان، ئەمما جەڭ كېمىلىرىنىڭ قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھۇجۇملاردا ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
ھەرىكەت باياناتچىسى گېنىرال ئەھمەد ئەل ئەسىرى، ئالدىنقى كۈنى پورتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ۋە تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەن جەڭ كېمىلىرىنىڭ ئەدەن رايۇنىغا يىتىپ بارغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ھۇسىي قۇراللىقلىرىنىڭ يەمەن خەلق ۋەكىلى ئابدۇلئەزىز جەببارنىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئوغلىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ۋەقەنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇسىي ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتىگە قاراشلىق قىسىملار جەببارنىڭ پايتەخت سەنئانىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيىگە ھۇجۇم قىلغان، ۋە جاببارنى ئۆيىدە تاپالمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر ئوغلىنى تۇتقۇن قىلغان.
ئەسىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى ھۇسىي قۇراللىقلىرىغا ھەر قانداق بىر ياردەم يەتكۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن پورتلارنى كونترول ئاستىغا ئالغان.
ھۇسىيلەرنىڭ كونتروللىقىدىكى مەييۇن ئارىلىغا ئۈچ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغالغان بولۇپ، ھۇسىيلەرنىڭ ئارالدىكى قۇرال-ياراغلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى.
ھۇسىيلەر ئەدەن رايۇنىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 20 دىن كۆپ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەمەندىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى. يەنە روسىيە ۋە ھىندىستانمۇ يەمەندىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشى ئۈچۈن 4 دانە ئايرۇپىلان ئەۋەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved