تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ھايتى شۇ يەر ۋاقتى 12-يانۋار يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
شۇ كۈنكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھايتىنىڭ مەركىزى پورت - ئوپرىنس ئەتراپىدىكى بىر تاغ باغرىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يەرگە يەر تەۋرەشتە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار كۆمۈلگەن بولۇپ، كىشىلەر قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلاغا گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
ھايتى زۇڭتۇڭى مارتېل خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھايتى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە قىلغان ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ ھايتىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھايتى زۇڭتۇڭى ماتېل
"مەن ۋە مېنىڭ قېرىنداشلىرىمغا نىسبەتەن بۈگۈن ھەقىقەتەن بىر قايغۇلۇق كۈن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كۈندە يۈز بەرگەن پاجىئەنى بىلىدۇ. بىر قىسىملار مانا مۇشۇ يەردە قازا قىلغان. يەنە بىر قىسىملار بۇ يەردە يارىلىنىپ مېيىپ بولغان. ئەنە شۇ قىسقىغىنە 35 سېكونت بارلىق كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. "
ھايتى ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى 5 يىل ئىلگىرىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلنىڭ 12-دېكابىر كۈنىنى "خاتىرىلەش كۈنى" قىلىپ بېكىتتى. ھايتى ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت بۇيرۇقىغا ئاساسەن، خاتىرىلەش كۈنىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ھەربىي ئەسلىھەلەر (ئورگانلار)، ساقچى ئورگانلىرى بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرىدۇ، كۇلۇب قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى تىجارىتىنى توختىتىپ، رادىئو ، تېلېۋېزىيە ئىستانسىلىرى كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
ھايتىدا 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 7.3 بال يەر تەۋرەپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلىپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆي ماكانىدىن ئايرىلغان، كۆپ قىسىم ئۇل-ئەسلىھەلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، 7 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادىي زىيان بولغان ئىدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved