ھىندىستانلىق ئايال تۇتاش تەنلىك قوشكېزەك يەڭگىدى

     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستانلىق بىر ئايال يېقىندا، تۇتاش تەنلىك قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، بۇ قوشكېزەكنىڭ  ئىككى بېشى، تۆت قولى، ئىككى پۇتى بار ئىكەن. كىشىلەر بۇ قوشكېزەكلەرنىڭ بۇ ھالىتىدىن تولىمۇ ھەيران قالدى. گەرچە بۇ قوشكېزەكلەر ناھايىتى ساغلام بولسىمۇ، بىراق دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن.   خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، 25 ياشلىق ئايال دېۋى يېقىندا، تۇتاش تەنلىك قوشكېزەك تۇغقان بولۇپ، ئۇلار قورساق قىسمىدىن تۇتۇشۇپ تۇرىدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرى ئورتاق ئىكەن.

    ئۇنىڭ يولدىشى مۇنداق دېدى:«مەن ئەزەلدىن مېنىڭ تۇتاش تەنلىك بالام بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقىمىغان، بالىلار دوختۇرخانىدىن چىققان ھامان، ئۇلارنى چوڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، مۇتەخەسىسلەردىن ئايرىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش مەسلىھەتى سورايمەن».

 دېۋىنى تۇغدۇرۇشقا مەسئۇل دوختۇرنىڭ قارىشىچە، بۇ قوشكېزەكلەرنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئالاھىدە كۆزىتىش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. بىراق تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۆمرى تولىمۇ قىسقا بولىدىكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، دېۋى ئەزەلدىن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈتۈپ باقمىغان بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلمىغان، تۇغۇتىدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشتىمۇ ھېچقانداق غەلىتە ئەھۋال بايقالمىغان. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بالىلارنى تۇغدۇرىدىغان ۋاقىتتىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ تۇتاش تەنلىك قوشكېزەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
Powered by Leglek