12-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت توققۇزغا قەدەر، شېنجىن شەھىرى گۇاڭمىڭ يېڭى رايونى مەركىزىي دوختۇرخانىسى جەمئىي توققۇز نەپەر يارىدارنى ياتاققا ئالغان بولۇپ، نۆۋەتتە يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر تۇراقلاشقان، بۇ يارىدارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن چاغدا نەق مەيداندىن قاچقاندا ئۇستىخىنى سۇنغان ياكى تېرىسى سۈرۈلۈپ كەتكەنلەر بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك يېنىك يارىلانغانىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر يارىدارنىڭ يارىسى ئېغىر بولمىغانلىقتىن ئۆزى دوختۇرخانىدىن چىققان بولۇپ، ياتاققا ئېلىنغان يارىدارلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى بولسا 78 ياشلىق موماي، يېشى ئەڭ كىچىكى بولسا سەككىز ياشلىق ئوغۇل بالا ئىدى.
ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا، سانائەت باغچىسىدىكى مەلۇم بەش خىل مېتال زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى-ئوۋياڭ ئەپەندى ئوغلى بىلەن بىللە 6-قەۋەتتىكى ئۆيىدە بولۇپ، توساتتىنلا ناھايىتى قاتتىق پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بىنانىڭ كەينى تەرىپىدىن لاتقا-شېغىل ئېتىلىپ كەلگەن. ئەينى چاغدا قاتتىق جىددىيلەشكەن ئوۋياڭ ئەپەندى ئوغلىنى قۇچاقلىغان پېتى 5-قەۋەتكە يۈگۈرۈپ چۈشكەن، بۇ چاغدا بىنانىڭ بارغانسېرى قىيسىيىپ كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن دەرھال كەينىگە قايتىپ بىنانىڭ 7-قەۋەت ئۆگزىسىگە قېچىپ چىققان، ئوۋياڭ ئەپەندى ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ 7-قەۋەتتىن ئوغلىنى قۇچاقلىغان ھالدا سەكرىگەن، ئوۋياڭ ئەپەندىنىڭ بەل سۆڭىكى سۇنغان، ئوغلىنىڭ تېرىسى سۈرۈلۈپ يارىلانغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved