خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 23-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى كەچتە بىر غايەت زور كىتنىڭ جەسىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كاپېتوۋننىڭ ئەتراپىدىكى بىر دېڭىز ساھىلىدا تۇرۇپ قالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 14 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى كەچتە دولقۇنلار دېڭىز ساھىلىغا چىقىرىپ قويغان. كىتنىڭ جەسىتى تۇرۇپ قالغان ساھىل شۇ جايدىكى بىر ئىستراھەت ئورنى ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ كىتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىقلانمىغان، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى يارا ئىزلىرىغا قارىغاندا، ئۇنى پاراخوت سوقۇۋەتكەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. ئەمما كاپېتوۋن ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، كىت قېرىپ كەتكەنلىكتىن ياكى ئاغرىپ قالغانلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved