HTCشىركىتى يىقىندا 11-ئايلىق تىجارەت دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئاي ئىچىدە، HTC شىركىتىنىڭ ئومومىي تىجارەت كىرىمى 10.29 مىليارد تەيۋەن پۇلى (خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 2.015 مىليارد يۈەن) غا يېتىپ، ئالدىنقى بىر ئايدىكىدىن %15 ئاشقان ھەمدە كىيىنكى يېرىم يىل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى ياراتقان. بىراق، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، %39 تۆۋەنلەپ كەتكەن.
11-ئايدا تىجارەت كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسلىقى HTC One A9 قاتارلىق يانفونلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، HTC Vive يانفونىمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئېلان قىلىنىدىكەن. كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، خوڭدا ئېلېكترونىنىڭ بۈگۈنكى پايچېكى باھاسى %2 ئۆرلىگەن.
HTC شىركىتى ئالدىنقى ئايدا بۇ يىل 3-پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا HTC نىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇدا نەچچە يىل زىيان تارتقانلىقتىن، HTC شىركىتى ئاللىقاچان تەيۋەندىكى 50 كۈچلۈك ماركا ئىچىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئىگەللىنىشىچە، HTC نىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىدا ئىگەللىگەن بازار ئۈلۈشى %1 گىمۇ يەتمەيدىغان ھالغان چۈشۈپ قالغان
كەسپى ساھەدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك HTC نىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدسىز قاراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما HTC نىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يەنىلا يۇقىرى بولۇپ، ھامان ئورنىدىن دەس تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇلار يىقىندىلا بازارغا سالغان بايراقدار يانفون HTC One A9 ئىستېمالچىلارنى ئۆزىگە قاراتماقتا يوق، بەلكى HTC نى «ئايفوننى دورىغان» دېگەن يامان ئاتاققا قويغان. شۇڭا، HTC مۇشۇنداق قاتمۇ-قات قىيىنچىلىق ئىچىدىن قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقالامدۇ-يوق؟ بۇ يەنىلا ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەمەلىي ئىپادىسىگە باغلىق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved