سەنئادا قۇرال-ياراغ ئامبىرى پارتىلاپ 69 كىشى ئۆلدى

جاھان ئاگېنتلىقى 12-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملرى يەمەننىڭ پايتەختى سەنئادا ، ھۇسىي قۇراللىقلىرىغا ئ‍ائ‍ت بىر قۇرال-ياراغ ئامبىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ 69 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 250 دىن كۆپ كىشى يارىلاندى. سەنئادىكى بىر سەھىيە خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرى ھۇسىيلەرگە قارشى ھەرىكەت باشلاپ سەنئادىكى ئېغىر تىپلىق قۇرال-ياراغ بازىسىنى بومباردىمان قىلغان. بۇ ھۇجۇمدىن كېيىن زور پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاز دىگەندە 69 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 250 كىشى يارىلانغان. نەخ مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشمە ئارمىيە كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرى پايتەخت سەنئانىڭ شەرقىدىكى نۇكۇم تېغى رايۇنىدىكى ھەربىي بازا ۋە ئەتراپىنى بىر قانچە قېتىم بومباردىمان قىلغان.
ھۇسىيلەرنىڭ كونتروللىقىدىكى يەمەن خەۋەر ئاگېنتلىقى«سابا» نىڭ خەۋىرىدە، بىرلەشمە ئارمىيەگە ئائىت كۈرەشچى ئايرۇپىلانلارنىڭ نۇكۇم رايۇنىغا قوزغىغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 90 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 2014-يىلى 21-سىنتەبىردە يەمەن پايتەختى سەنئا ھۇسىيلەرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، 2015-يىلى 19-يانۋاردا پارلامېنتنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن ھۇسيلەر دۆلەت ئورگانلىرى، تېلىۋىزىيە قانالىىرى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنى كونترول قىلىۋالغان.
يەمەندە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن 12-ماي كەچ سائەت 23:00 تىن باشلاپ 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغان ئىدى. ھۇسىي قۇراللىق قىىسىملىرىنىڭ باش شىتاب باشلىقى شەرەف لوقمان؛ « بىر قىسىم دوست دۆلەتلەرنڭ ، يەمەنگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى بىكار قىلىش، سودا پاراخوتلىرىنىڭ يەمەن پورتلىرىغا يىتىپ كېلىشى ۋە ئىنساني ياردەملەر يەتكۈزۈشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قۇبۇل قىلغانلىقىمىزنى ئېلان قىلىمىز» دىگەن.



خەتكۈچلەر:
13-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
09-05-2016
    خەلقئارا باھالاش ئورگىنى Fitchنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئىپادىلىنىشىچە، 2016-يىلى 3-ئايدا قازاقىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى يەتتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە %15.7 كە يەتكەن. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پ...
09-05-2016
    ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىندا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇنىڭ ئىسرائىلىيە جولان ئېگىزلىكىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدۇ، دېگەن باياناتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، جولان ئېگىزلىكىنىڭ ئورنىنىڭ يەنىلا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىد...
09-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى لېئوناردو دىكاپرونىڭ Instagramدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىراندىكى ئۇرمىيە كۆلىنىڭ كۈنسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە قارىتا، ئىران غەربىي ئەزەربەيجان...
09-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 8-ماي، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ جايدىكى ئامما يىغىلىپ قىسقارتىش قانۇن لايىھەسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن بولۇپ، ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
09-05-2016
    5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئانىلار بايرىمى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ كۈندە ۋىدىيو ئارقىلىق ئانىسى ۋە ئايالى مىچىلغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.     ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تەبرىك سۆزى قىلغاندا، بارلىق ئان...
09-05-2016
    ھىندسىتاننىڭ مانىپۇر شىتاتىدىكى ئانىلار بازىرى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئايال سېتىقچىلار مەركىزىگە ئايلانغان.     ئانىلار بازىرى شۇ جايدىكى سېتىقچىلار مەركىزى ۋە سودا مەركىزى بولۇپ، ھىندىستانلىقلار بۇ ...
09-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئامېرىكىدىكى داڭلىق نېگىرلار ئۇنىۋېرسىتېتى خوۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە پەخرىي دوكتورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشت...
09-05-2016
     ھازىرقى ئەھۋالدا ھىلارى ئۇتۇپ چىقىدۇ     ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى رەقىبى كىرۇز ۋە كاسىچ ئارقا - ئارقىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، يەر-مۈلۈك ماگناتى ترامپ 2016 - يىللىق ئامېرىكا جۇمھۇ...
09-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ئاممىۋى بىخەتەرلىك مىنىستىرى جۇدېر مۇنداق دېگەن: مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ كۆلىمى 1500 كۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى، كەلگۈسى 24 سائەت ئىچ...
09-05-2016
 ماتېرىيال سۈرەت : رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىجتىمائىي جامائەت فوندى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق...
Powered by Leglek