ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل 30 – نويابىردىكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە گۆش باھاسى 11 ئايدىن بۇيان ئۇدا تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، بۇلتۇر 6 – ئايدىن باشلاپ بارا – بارا تۆۋەنلىگەن. بۇ، كالا، قوي گۆشىنىڭ بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالىغانلىقىدىن بولغان. ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2010 – يىلىدىن بۇيان كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆسۈپ، 2014 – يىلى ئەتىيازدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان، يەنى ھەر كىلوگرام قوي گۆشى 67 يۈەنگە، كالا گۆشى 72 يۈەنگە ئۆرلىگەن. گۆش باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن دېھقانلار پائال باقمىچىلىققا يۈزلىنىپ، باقمىچىلىق سېلىنمىسىنى ئاشۇرغان. ئۇقۇشىمىزچە، 2011 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش مەقسىتىدە، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىت بىر قاتار تەدبىر، سىياسەتلەرنى ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، كالا، قوي باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرى ھېيت – بايراملاردا زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىش، ئىمپورت گۆشنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق گۆش باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىنى تىزگىنلىگەن. 2013 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇقتىلىق گۆش كارخانىلىرى ئىمپورت قىلغان كالا، قوي گۆشى 10 مىڭ توننىدىن كۆپرەك بولۇپ، بۇ سان 2014 – يىلىغا كەلگەندە 15 مىڭ توننىغا يەتكەن. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى سودىگەرلەرنىڭ شىنجاڭدىن كالا، قوي گۆشى سېتىۋېلىش مىقدارى ئازلىغان، ئەكسىچە ئىچكى موڭغۇل، چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردىن ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرگۈزۈلگەن تېرىك چارۋا مال، گۆش مىقدارى كۆپەيگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 299 مىڭ 100 توننىغا، قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 421 مىڭ 500 توننىغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم %3، %6.5 ئاشقان. بۇنداق ئېشىش بازارنىڭ گۆش بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرغان.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدا 700 باقمىچى ئائىلىدىن تەركىب تاپقان ‹‹داتيەن›› باقمىچىلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 30 مىڭدىن ئارتۇق كالا، 100 مىڭدىن ئارتۇق قوي بار ئىكەن. كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى ما فېيلۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل گۆشنىڭ باھاسى ئىزچىل چۈشكەچكە، قوتاندىكى كالا، قوي بۇلتۇرقىدىن ئازىيىپتۇ، پايدىمۇ كۆپ بولماپتۇ، لېكىن زىيان تارتماپتۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل تىرىك كالىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 22 – 24 يۈەنگىچە، تىرىك قوينىڭ ھەر كىلوگىرامى 18 – 20 يۈەنگىچە سېتىلغان بولۇپ، باھا بۇلتۇرقىدىن%20 – %30 تۆۋەن بولغان. شۇڭا، تارقاق باقمىچى ئائىلىلەر ۋە كىچىك كۆلەمدىكى باقمىچىلىق بازىلىرى باقمىچىلىقتىن چېكىنىش خەۋپىگە دۇچ كەپتۇ. يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كالا، قوي گۆشى باھاسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلىشى ئىستېمالچىلارنى خۇش قىلغىنى بىلەن، باقمىچىلارنى نائۈمىدتە قويغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بازار قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئىزچىل تۆۋەنلىسە، باقمىچىلار قولىدىكى مالنى دەرھال چىقىرىۋېتىشكە ئالدىرايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن زاپاس ساقلىنىدىغان كالا، قوي گۆشىنىڭ مىقدارى ئازىيىپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي گۆش باھاسىنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىش مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، زاپاس گۆشنىڭ بازارغا سېلىنىش مىقدارى ئېشىپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن، شۇڭا باھادا چوڭ داۋالغۇش بولمايدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، باقمىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەندىلا، كالا، قوي گۆشى باھاسىنىڭ ھېلى ئۆرلەپ، ھېلى چۈشۈش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەرگىلى بولىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئۇقۇشىمىزچە، بۇ يىل مەركەز مالىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 248 نەسىللىك قوينى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش بازىسى قۇرۇشىغا 115 مىليون يۈەن مەبلەغ ساپتۇ.
گۆش باھاسى 11 ئاي ئۇدا چۈشتى، بۇ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش. ئۇنداقتا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى قانداق؟ شەھەر ئاھالىسى گۈلپىيە ئابلىز مۇنداق دېدى: ئىلگىرى گۆش باھاسى ئۆرلىگەندە ئاشخانا، رېستورانلاردا تاماق باھاسىمۇ مۇئەييەن نىسبەتتە ئۆسكەن ئىدى. بىراق، گۆش باھاسى تۆۋەنلىسىمۇ تاماق باھاسى يەنىلا چۈشمىدى. بۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈرەك سۆزى. پاكىت شۇكى، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار سالونى ۋە دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىقلاردا ‹‹گۆش باھاسى چۈشتى، تاماق باھاسى قاچان چۈشىدۇ››، ‹‹شىخەنزىدە كاۋاپنىڭ باھاسى بىر يۈەنگە چۈشتى››، ‹‹يەتتە يۈەنلىك لەغمەن بازارغا سېلىندى›› دېگەندەك خەۋەرلەر تارقىلىپ، گۆش ۋە تاماق باھاسى توغرىسىدىكى تالاش – تارتىشلار بىر مەزگىل قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. بەزىلەر ھەتتا، ئاشخانا، رېستوران خوجايىنلىرىنى مۇشۇ ئىشقا كەلگەندە تازا سەمىمىي بولمىدى، باھانى چوقۇم چۈشۈرۈشى كېرەك ئىدى، دېيىشتى.
گۆش باھاسى تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا تاماق باھاسى نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟
شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى سۇلايمان ئىسلام مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە گۆش ئىستېمالى ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭلىقلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق گۆش ئىستېمالى 81 كىلوگىرام بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خوتەنلىكلەرنىڭ 98 كىلوگىرام، ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ 61 كىلوگىرامدىن توغرا كېلىدىكەن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، گۆش باھاسىنى كونترول قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئەلرايى قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر جەمئىيەتتە گۆش باھاسى چۈشكەنلىكى ئۈچۈن تاماق باھاسىمۇ مۇۋاپىق چۈشۈشى كېرەكمۇ – قانداق، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بەس – مۇنازىرىلەر بولۇۋاتىدۇ ھەمدە نۇرغۇن كىشى تاماق باھاسى چوقۇم چۈشۈشى كېرەك، دەپ قارىشىۋاتىدۇ. يېمەك – ئىچمەك ئادىتىدىن ئېيتقاندا، بىز تاماقلىرىمىزدا گۆشتىن ئايرىلالمىساقمۇ، ئەمما گۆشنىڭ باھاسى چۈشكەن ئىكەن تاماقنىڭ باھاسىمۇ مۇۋاپىق چۈشۈشى كېرەك دەپ قاراش تازا ئىلمىي ئەمەس. چۈنكى، ئىقتىساد نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەر قانداق بىر تاۋار باھاسىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەنلىكىگە باھا بېرىشتە چوقۇم شۇ تاۋارنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان بارلىق تەننەرخ ئامىللىرىنى تەڭ ئويلىشىش كېرەك، بۇ دېگەنلىك تاۋارنىڭ باھاسىنى تەننەرخ قۇرۇلمىسى نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىش كېرەك دېگەنلىك. مەسىلەن، بىر تەخسە لەڭمەننىڭ تەننەرخى گۆش، ئۇن، ياغ، سۇ، توك، گاز، ئىجارە ھەققى ۋە خادىملارنىڭ ئىش ھەققى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، بىز بىر تەخسە لەڭمەننىڭ تەننەرخ قۇرۇلمىسى ئىچىدىكى بىر يەككە تۈرنىڭ چۈشكەنلىكىگە قاراپلا لەڭمەننىڭ باھاسى چوقۇم چۈشۈشى كېرەك، دەپ قارىساق بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالىدۇ. بىز لەڭمەن باھاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەكمۇ ياكى چۈشۈرۈش كېرەكمۇ؟ دېگەنگە ھۆكۈم قىلىشتا، لەڭمەننىڭ تەننەرخ قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار ئىچىدىكى باشقا ئامىللارنىڭ ئۆسكەن ياكى چۈشكەنلىكىنىمۇ تەڭ ئويلىشىشىمىز كېرەك. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان گۆش باھاسىنىڭ ئۇدا چۈشكەنلىكى بىر ھەقىقەت، بىراق، بىر تەخسە لەڭمەننىڭ بىر پۈتۈن تەننەرخ قۇرۇلمىسى ئىچىدە گۆشنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %15ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ تەننەرخ قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار ئىچىدىكى باشقا ئامىللاردا ئۆزگىرىش بولدىمۇ – يوق؟ باشقا ئامىللار ئىچىدىمۇ ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ. مەسىلەن، ئۆي ئىجارە ھەققى ھەسسىلەپ ئاشتى، بەزى قايناق بازار رايونلىرىدىكى دۇكانلارنىڭ ئىجارە ھەققى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى، ئاشخانىلاردىكى مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىمۇ تېز ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن، بىر تەخسە لەڭمەننىڭ ئومۇمىي تەننەرخى ئىلگىرىكىدىن چۈشۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە، تېخىمۇ ئۆرلەپ كەتتى.
شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى ئوسمان ئىبراھىم مۇنداق دېدى: مەن يېقىندىن بۇيان گۆش باھاسى، تاماق باھاسى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرگە دىققەت قىلدىم. مېنىڭچە، ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى تامامەن چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ مەسىلىدىكى مەركىزىي نۇقتا شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر يالغۇز گۆش باھاسىنىڭ چۈشۈشىگىلا قاراپ، دۇكان ئىجارىسى، خادىملارنىڭ ئىش ھەققى قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتىدۇ. ئاشخانا، رېستوراننى ئەلۋەتتە كىشىلەرگە قولايلىق، قايناق بازارلاردا ئېچىش كېرەك. چۈنكى، ئاشخانا، رېستورانلار ئىستېمالچىلارغا ھەم يېقىن، ھەم قولايلىق بولۇشى كېرەك. بىز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات رەستىلىرىدىكى دۇكانلارنىڭ ئىجارىسى تېز سۈرەتتە ئۆسۈپ كەتتى. مەسىلەن، دۆڭكۆۋرۈكتىكى 87 كىۋادرات مېتىرلىق بىر كىچىك پولۇخانىنىڭ يىللىق ئىجارە ھەققى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى 45 مىڭ يۈەندىن ھازىرقى 600 مىڭ يۈەنگە ئۆرلىگەن، مۇشۇ پولۇخانىغا ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى بىر تېز تاماقخانىنىڭ يىللىق ئىجارە ھەققى 80 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگە ئۆرلىگەن. ئاشخانا مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىمۇ 5 – 6 يىلدا ئالتە ھەسسىدەك ئۆرلەپ كەتكەن. گۆش باھاسى 67 يۈەندىن 33 يۈەنگە چۈشكەندە، بۇنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %50ئەتراپىدا بولىدۇ، 45 مىڭ يۈەنلىك دۇكاننىڭ ئىجارىسى 600 مىڭ يۈەنگە چىقسا، بۇنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %1000تىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئىش ھەققىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىمۇ%600 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەھۋال دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆڭكۆۋرۈك، بۇلاقبېشى كوچىسى قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم كىچىك ئاشخانىلار يۇقىرى ئىجارە ۋە يۇقىرى ئىش ھەققىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي تاقىلىپ كەتتى. دېمەك، ھازىرقى ئەھۋالدا تاماق باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە پايدىلىق ئامىللارغا قارىغاندا پايدىسىز ئامىللار يەنىلا كۆپ بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇر 10 – ئايدىن باشلاپ، ئۇن ۋە ياغنىڭ باھاسىمۇ مەلۇم نىسبەتتە ئۆستى. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئامىللار سەۋەبىدىن تاماق باھاسىنىڭ چۈشۈشىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
دېمەك، گۆش باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئاۋامنى خۇش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تاماق باھاسىنىڭ چۈشۈشى توغرىسىدىكى ئارزۇ – ئۈمىدلىرى يەنىلا ئارزۇ پېتىچە قېلىۋەردى. قارىغاندا، ئۇلار تاماق باھاسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئىجارە ھەققى ۋە ئىش ھەققىنىڭمۇ مۇۋاپىق نىسبەتتە چۈشۈشىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ، ئەلۋەتتە.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved