8-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى 12 نەپەر ئەزاسى ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 4-يىغىنى 2016-يىلى 10-يانۋار ئۈرۈمچىدە باشلىنىدۇ. 8-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى 12 نەپەر ئەزاسى ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. 12 نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى، مۇھىت قۇرۇلۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئالاقىدار 27 تۈرلۈك پىكىر-تەكلىپ ئېلىپ كەلدى.
ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈندىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىدىغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشكە باشلىغان. كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە كۈندە، ئۇلار ئەزالىق بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ پىكىر-تەكلىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بەس-بەستە ئۆزلىرىنىڭ بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![]() |
ئادىل غوجالىم
‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.
&...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved