بۇرنىغا تايىنىپ پۇل تېپىش

      چارلى ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق يىگىت بۇرنىنىڭ پۇراش سېزىمىنىڭ تولىمۇ ئۆتكۈرلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى مەخسۇس يېتىشتۈرمەكچى بوپتۇ. ئۇ دائىم رەزىنكە، خروم ئاياغ، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىق غەيرىي پۇراق ھاسىل قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئوتقا تاشلاپ، تۈرلۈك پۇراقلارنى پەرق ئېتىشنى مەشق قىپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇراش سېزىمى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى پۇراقلارنى پەرقلەندۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلارمۇ كۆپىيىپتۇ، شۇڭا، چارلى پۇراق ئايرىش شىركىتىدىن بىرنى قۇرۇپتۇ.

      ئۇ ئاساسلىقى خېرىدارلارغا تۈرلۈك پۇراقلارنى ئايرىپ، مۇشۇ پۇراقنى چىقارغان نەرسىنى تېپىپ، شۇ ۋەجىدىن كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ داۋا تېپىشىغا ياردەم قىلىدىكەن، ياكى پۇراقنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق دەلىل- ئىسپات توپلاپ، دېلو پاش قىلىپ، جىنايەتچىنى تۇتۇشقا يادەم قىلىدىكەن. بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە بولغۇچىلار كەمدىن- كەم ئۇچرىغاچقا، چارلىنىڭ شىركىتى بىلەن رىقابەتلىشىدىغانلار يوق ئىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسى 1 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

دېمەك، ئۆزىڭىزنى توغرا تونىسىڭىز، شەخسىي ئالاھىدىلىكمۇ سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

     بىر ئاياغ زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى بازارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىر كەسپىي خادىمنى ئافرىقىنىڭ بىر قەبىلە رايونىغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ.

ھېلىقى خادىم مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بازارنى ئايلىنىپ يەرلىكلەرنىڭ ئاياغ كىيمەيدىغان ئادىتى بارلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇ مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىپ خوجايىنىنىغا "بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يالاڭ ئاياغ يۈرۈيدىكەن، ئاياغ ساتقىلى بولمىغۇدەك، بازار ئېچىش مۇمكىن ئەمەسكەن" دېگەن مەزموندا تېلېگىرامما يوللاپتۇ.

     خوجايىن تېلېگىراممىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كۆڭلىدە يەنىلا تەن بەرگۈسى كەلمەي، يەنە بىر خادىمنى بازار تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ. بۇ خادىم شۇ جايغا بارغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ يالاڭ ئاياغ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولۇپتۇ. ئۇ دەرھال خوجايىنغا:بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يالاڭ ئاياغ يۈرۈيدىكەن. بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور ئىكەن، بازار ئېچىشىمغا ئازراق ئاياغ ئەۋەتكەن بولسىڭىز، دەپ تېلېفون بېرىپتۇ.

     بۇ خادىمنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن بازار ئېچىش مۇۋەپىقىيەتلىك بولۇپتۇ، كېيىن بۇ ئاياغ زاۋۇتى ئاشۇ جايدا نەچچە مىليون جۈپ ئاياغ سېتىپ، كۆپ پايدا ئاپتۇ، بازارنىمۇ مۇقىم ئىگىلەپتۇ. باشقا ئاياغ زاۋۇتلىرى بۇنى ئاڭلاپ تاپ بېسىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار كېچىكىپ قاپتۇ.

     دېمەك، تىجارەتچى تىجارەت جەريانىدا بەزىدە قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئەمەس، ئىستېمالچىلانىڭ ئېھتىياجىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، تېخىمۇ كەڭ بازار ئاچقىلى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
30-11-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-04-2016
    كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە 25-ئاپرېلدىن باشلاپ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنى جازالاشقا ئائىت يېڭى بەلگىلىمىنى يولغا قويغان. بەلگىلىمىگە ئاساسەن ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر تەكشۈرۈپ ...
26-04-2016
   خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، تىم كۇك يەنە بىر قېتىم ئۆزى بىلەن چۈشلۈك تاماق يېيىش پۇرسىتىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى تاللىدى، بۇ ئۇنىڭ تۆتىنچى يىلى مۇشۇنداق قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى كىمئارتۇق ...
26-04-2016
    4-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەيۋەندە ئورۇندۇق چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشتە ئۆز ئارا بەسلەشتى.
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 23-ئاپرېل، رۇسىيەنىڭ ئومسكى رايونىدا بوۋاقلارنىڭ ئۆمىلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بوۋاقلارنىڭ ئوماق قىلىقلىرى كىشىلەرنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈردى.
26-04-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ئاپرېل چۇڭچىدىكى بىر دەپنە سارىيىدا 21 ياشلىق ئىئىستۇدېنت جەسەت ساندۇقى ئىچىدە يېتىپ، «ئۆلۈم»نىڭ تەمىنى تېتىپ باقتى. شۇ كۈنى مەزكۇر دەپنە سارىيى «ھاياتلىق سەپىرى» ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتكە يۈزل...
26-04-2016
    تۈنۈگۈن لوندوندا 36-قېتىملىق لوندون مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مۇسابىقىگە قاتناشقان. نەق مەيدانغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ھەر خىل ئادەملەر بار بولۇپ، بەزىلىرى مارافونچە يۈگۈ...
08-03-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: سامسۇڭ شاڭخەيدە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سامسۇڭ S7/S7 Edge نىڭ جۇڭگو نۇسخىسىنى رەسمىي چىقاردى. باشقا نۇسخىسى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، جۇڭگو نۇسخا سامسۇڭ S7/S7 Edge نىڭ ئالدى يۈز...
27-11-2015
   قېرىنداشلىق مېھرى نۇرغۇنلىغان ھېسسىياتلار ئىچىدىكى جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدىغان ئۇلۇغ بىر تۇيغۇ. ھەممە كىشىگە ئايال بولغىنىدەك، بىز بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانىمىزنى ئىپتىخارلاندۇرالماسلىقىمىز مۇمكىن، بىراق ئۇلار يەنىلا ...
26-11-2015
     ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورى مۇنبىرىدە، چاققان ھەم ئوماق بولغان مۈشۈك باشقىلارنىڭ «قىزىقارلىق چولپ...
Powered by Leglek