ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى موغېرىنى 19 – يانۋار بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەرەب دۇنياسى ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا زەربە بېرىش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ، دېدى.
ئايدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 19 – يانۋار بىريۇسسېلدا ئېچىلدى. موغېرىنى يىغىن مەزگىلىدە زىيارەتكە كەلگەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى نەبىل ئەلئەرەبى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
موغېرىنى مۇنداق دېدى: تېررورچىلار يېقىندا ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلدى، لېكىن ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى تېخىمۇ ئېغىر تېررورلۇق خەۋپىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولغان سۆھبەتنى كۈچەيتسە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتتۇق.
ئىككى تەرەپ يەنە ئەسەبىي تەشكىلات ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى، سۇرىيە ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
تېررورلۇققا زەربە بېرىش – بۇ قېتىملىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىكى مۇھىم قارالمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، موغېرىنى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى ۋە سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، دېدى.
يىغىن ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تېخىمۇ ئىجابىي ھەمكارلىشىپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دائىرىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلەپ قويماي يەنە ئەرەب ۋە ئوتتۇرا دېڭىز دۆلەتلىرىگىچە كېڭەيتىشنى قارار قىلغان.
شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە قىلىندى. موغېرىنى تەكىتلەپ: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ مىنسك كېلىشىمىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ئاساسىدا رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتىدۇ، دېدى.
لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا كىرىزىسقا تاقىلىدىغان قارالمىلاردا رۇسىيە بىلەن داۋاملىق سىياسىي ئۇسۇلدا سۆھبەتلىشىشكە، شۇنداقلا ئېنېرگىيە قاتارلىق چەكلىك ساھەلەردە رۇسىيە بىلەن تارماقلار سۆھبىتى قىلىشقا قوشۇلغان.
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved