لېشى شىركىتى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بېيجىڭدا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 4-ئەۋلاد لېشى ئالاھىدە تېلېۋىزورىنى ئېلان قىلغان، بۇ مەھسۇلاتقا لېشى دەرىجىدىن تاشقىرى تېلېۋىزورى Max65 Curved دەپ ئىسىم قويۇلغان. بۇ تېلېۋىزور دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز بولۇشنى قوغلاشقان، ئەگمە يۈزلۈك ئېكران ئىشلىتىلگەن، قاتتىق دېتال سەپلىمىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئىكەن.
سىرتقى شەكلىگە كەلسەك، لېشى ئالاھىدە تېلېۋىزورى Max65 Curved نىڭ ئاساس گەۋدىسى 5.9 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 4K بولغان 65 دىيۇملۇق ئەگمە يۈزلۈك ئېكران ئىشلىتىلگەن، بۆلۈنمە تەنلىك لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان.
سەپلىمىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا كۇۋالكوم APQ8094 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GB LPDDR4 ئىچكى ساقلىغۇچ، 32GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، Harman/Kardon ئاۋاز ياڭراتقۇسى ۋە مۇستەقىل تۆۋەن ئاۋازلىق ياڭراتقۇ قاتارلىقلار سەپلەنگەن، تولۇق ئىقتىدارلىق 2.1 ئاۋاز يولى سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن.
لېشى ئالاھىدە تېلېۋىزورى Max65 Curved نىڭ باھاسى 6999 يۈەن بولۇپ، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved