مايمۇن يىلىدا ئانا بولىدىغان ئايال چولپانلار

       2016-يىلى دېھقانلار كالىندارى بويىچە مايمۇن يىلى ھېسابلىنىدۇ. مايمۇن زېرەك، شوخ، ئوماقلىقى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار مايمۇن يىلىدا بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. تاماشا چەمبىرىكىدىمۇ بۇيىل ئانا بولىدىغان چولپانلارمۇ ئاز ئەمەس.

توڭ لىيا


توڭ لىيانىڭ مۆلچەر تۇغۇت ۋاقتى: 2015 -يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى

      2015-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، چېن سىچېڭ ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىغا مەن دادا بولىدىغان بولدۇم،  رەھمەت سىزگە! دەپ يازغان. ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، توڭ لىيانىڭ تۇغۇت مۆلچەر كۈنى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتراپىدا بولىدۇ دېگەن، بىراق ھازىرغىچە توڭ لىيادىن ھېچ خەۋەر يوق، قارىغاندا 2016-يىلدىكى تۇنجى بوۋاق ئۇلارنىڭ بالىسى بولىدىغان ئوخشايدۇ.

چۈەن جىشىيەن

چۈەن جىشىيەننىڭ مۆلچەر تۇغۇت ۋاقتى: 2016-يىلى 2-ئاي

2015-يىلى 7-ئايدا، چۈەن جىشىيەن ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولغانلىق خەۋىرىنى ئاشكارىلىغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ كۈتۈنۈپ، ياخشى بىر ئانا بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ھازىر ئۇنىڭ قورسىقىغىمۇ 8 ئايلىق بولۇپ قالدى. ئۇ نەچچە كۈن بۇرۇن مەخسۇس ھامىلە كۈتۈنۈش ئورنىغا كىرىپ ئارام ئېلىۋاتىدۇ.

جاڭ زېتىيەن

جاڭ زېتىيەننىڭ تۇغۇت مۆلچەر كۈنى: 2016-يىلى 3-ئاي

2015-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، بىر تورداش جاڭ زېتىيەننىڭ رېستۇراندا غىزالىنىپ چىققان ۋاقىتتىكى رەسىمىنى تارتىۋېلىپ تورغا يوللىغان. رەسىمدە جاڭ زېتىيەننىڭ قورسىقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تومپىيىپ چىققان بولۇپ، ھامىلدار بولغانلىقى ئېنىق بىلىنىپ قالغان. جاڭ زېتىيەنمۇ تورداشلارغا ئۆزىنىڭ راستىنلا ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان.

خەن جىيارېن

 

خەن جىيارىننىڭ تۇغۇت مۆلچەر ۋاقتى: 2016-يىلى 4-ئاي

      كورىيە چولپىنى خەن جىيارىن ھەممىمىزگە تونۇش چولپان، ئۇنىڭ بەش ئەزايى قاملاشقان بولۇپ كىشىلەر ئۇنىڭغا «تەبىئي گۈزەل» دەپ نام بەرگەن. ئۇ يولدىشى بىلەن توي قىلغىلى 10 يىل بولدى، بىراق ئىزچىل بالىلىق بولالمىغان. 2014-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، بىراق كېيىن يەنە بويىدىن ئاجراپ كەتكەن، بۇ ئۇنىڭغا تولىمۇ ئېغىر كەلگەن. ئالدىنقى يىلى ئۇ يەنە ھامىلدار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان، ھازىر قورسىقىغا 6 ئايلىق بولدى.



خەتكۈچلەر:
18-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek