شەھەرلەردە چىراق نۇرى يورۇق بولسا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يوقىرى بولىدۇ

ئىسرالىيە خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كېچە چىراقلىرىنىڭ يورۇقلۇقىنى سۈنئىي ھەمرا ئىسخېمىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، كېچىدىكى سۈنئىي چىراق نۇرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنىڭ سۈت بېزى راكى ۋە سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

   بۇ تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ھاۋارايى سۈنئىي ھەمرا تۈرىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كېچە چىراقلىرىنىڭ يورۇقلۇقىنى سۈنئىي ھەمرا ئىسخېمىسىدا تەكشۈرگەن. شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر ۋە سېمىزلەرنىڭ نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ، كېچە چىراقلىرىنىڭ نۇرى قانچە يورۇق بولغان رايونلاردا دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر ۋە سېمىزلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن باشقا كېچىدە چىراق نۇرىنىڭ كۈچلۈك ئاجىز بولىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، چىراق نۇرى قانچە يورۇق بولسا داۋاملىشىش ۋاقتى شۇنچە ئۇزۇن بولغان شەھەرلەردە كىشىلەرنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ شۇنچە يوقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

   تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، سۈنئىي چىراق نۇرى ئادەم تېنىدە قارىداپ كەتكەن ھورمونلارنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم بەدىنىدىكى بىئولوگىيەلىك سائەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، فىزىلوگىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. نورمال ئەھۋالدا، ئادەم بەدىنىدىكى قارىداپ كەتكەن ھورمونلار بىر كۈندىكى ئوخشىمىغان مەزگىلدە ئۆزگىرىش ياساپ، كېچىدە يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، كۈندۈزى تۆۋەنلەيدىكەن. بۇرۇنقى تەتقىقاتتا گوللاندىيە لېيتۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى چاشقان بالىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەجىرىبىدە چاشقان بالىسىنى ھەر كۈنى 24 سائەت چىراق نۇرىدا تۇرغۇزغاندا باشقا چاشقان بالىلىرىغا ئوخشاش يىيىشى ۋە ھەركىتى كۆپىيىپ ماي مىقدارىنىڭ %50 ئاشقانلىقىنى بايقىغان. مۇتەخەسىسىلەر شەھەرلەردە بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە سۈنئىي نۇردىن كېلىدىغان سەلبىي تەسىردىن ساقلىنىپ، نۇر توسىدىغان پەردىلەرنى ئېسىپ، يول چىرىقى نۇرىنىڭ چۈشىشىنى ئازايتىش، كەچتە ھۇجىرىدىكى چىراقنىڭ بەك يورۇق بولماسلىقى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېكرانغا قاراش ۋاقتىنى ئازايتىش قاتارلىق تەكلىپنى بەرگەن.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىققا ئائىت ئۈچ تۈرلۈك تولۇقلىما سىياسىتى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىلدىن باشلاپ بۇغداي، بېدە، ك...
06-05-2016
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە     شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
06-05-2016
    بۇلتۇر نويابىردىن بۇ يىل 21-ئاپرېلغىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە تاموژنا باش مەھكىمىسى گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، فۇجيەن، خېنەن قاتارلىق نۇقتىلىق جايلاردا ساختا تاماكا ياساش ۋە تاماكا ئەتكەس قىلىشقا زەربە بېرىپ، 21 مىڭ 6...
06-05-2016
تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي     تۈنۈگۈن كەچتە مەن ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئاشۇ چاغنى ئەسلەپ، خىياللارغا غەرق بولدۇم، شۇنداق قىلىپ ئىمتىھاندىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئوقۇغۇچىغا ...
06-05-2016
    ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 1:05 ئۆتكەندە، 2016-2015-مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا لىۋېرپول كوماندىسى 0-3 نەتىجە بىلەن 10 كىشىلىك ...
06-05-2016
    2-ماي ۋۇخەننىڭ خەنكۇدا بىر يىگىت كونا پاسوندىكى ۋېلىسىپىتنى مېنىپ كېلىنچەكنى كۆچۈرگەن، كېلىن كۆچۈرۈش ئەترىتى 21 ۋېلىسىپىت مىنگۈچىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار يولدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
05-05-2016
    فرانسىيە فىگارو گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنى ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى ھىندسىتاننىڭ شىمالىي قىسىمىد...
04-05-2016
     ھەر مىللەت ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش، ياشلارنى ‹‹بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش››قا يېتەكلەش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن مەركىزىي خەل...
04-05-2016
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ماي تېلېگراممىسى:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە ...
04-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-ئاپرېل تېلېگراممىسى:    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى    44-نومۇرلۇق   «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە بو...
Powered by Leglek