شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 14-مارت تېلېگراممىسى: رۇسىيەدىكى بىر نەچچە ئالەم قاتنىشى ئورگېنى بىلەن ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياسىغان مارس «مىكرو گاز جىسىمنىڭ ئوربىتا ئۈسكۈنىسى» 14-مارت قازاقىستان چېگرىسى ئىچىدىكى بايقۇڭىر سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. رۇسىيە-ياۋروپا «مارس ئالەم بوشلۇقى جانلىقلىرى» تۈرى ئارقىلىق مارس ئاتموسفراسىنىڭ تەركىبىنى ئانالىز قىلىپ، مارستا ھاياتلىقنىڭ بار-يوقلۇقىنىڭ ئىسپاتىنى ئىزدىگەن.
رۇسىيە ئالەم قاتنىشى گۇروھى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، مارس «مىكرو گاز جىسىم ئوربىتا ئۈسكۈنىسى»نى ئېلىپ ماڭغان «پروتون-M» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا موسكۋا ۋاقتى سائەت 12:31 دە بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىپ، تەخمىنەن 10 مىنۇتلاردىن كېيىن بۇ ئوربېتا ئۈسكۈنىسى توشۇغۇچى راكېتا بىلەن 3-قەۋىتى ئايرىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، 496 مىليون كىلومېتىرلىق ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇچۇشتىن كېيىن، 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ماسنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ بارىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved