مىكروسوفت، ياخۇ. ئالما، گۇگېل، سونىي، ئىنتىل… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدا دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان دۇنياغا داڭلىق بولغان IT شىركەتلىرى، ئەمما سىزنىڭ ئۇلارنىڭ نامىلىرىنىڭ قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بەلكىم سىز بۇلارنى دائىم ئاڭلاپ تۇرغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ناملىرىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان قىسقا ھېكايىلەرنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن…
1.موتورولا (Motorola)
پائۇل.گالۋىن شىركەتنى قۇرۇپ، شىركەت ماشىنىلاردا ئىشلىتىلىدىغان رادىئونى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ۋاقىتلاردا ئۇ شىركەتنى ھازىرقى نام بىلەن .ئاتىغان. ئۇنىڭ بۇرۇنقى نامى Victrola ئىدى.
2. مىكروسوفت (Microsoft)
مىكروسوفت دېگەن بۇ نامنى بىل.گېيتىس ئۆزى قويغان بولۇپ، شىركەتنىڭ تولۇق نامى MICROcomputerSOFT-ware (مىكرو تىپتىكى كومپيۇتېر يۇمشات دېتاللىرى) ئىدى. شىركەتنىڭ بۇرۇنقى نامى Micro-Soft بولۇپ، كېيىنكى بۇ نام ئارىسىدىكى «-» ئېلىۋېتىلىپ، Microsoft دەپ ئىشلىتىلگەن.
3.Lotus
شىركەت نامى نېلۇپەر تاختىسى (padmasana) دىن كەلگەن بولۇپ، شىركەت قۇرغۇچىسى MitchKapor.
4. Intel
BobNoyce بىلەن GordonMoore ئىككىسى شىركەتنىڭ نامىنى «MooreNoyce» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، ئەمما بۇ نامنى بىر مېھمانساراي ماركا قىلىپ تىزىملىتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار شىركەتنى نامىنى INTegratedELec-tronics (توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكترون) ئۆزگەرتكەن، كېيىن ئۇلار قىسقارتىلغان نام Intel نى شىركەت نامى قىلىپ قوللانغان.
5. Hewlett-Packard
شىركەت قۇرغۇچىلىرى BillHewlett ۋە Dav-ePackard لار يىتىپ كەتكەن تەڭگە پۇلنىڭ نامى شىركەتنىڭ نامى قىلغان.
6. Hotmail
شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى JackSmith دەسلەپتىلا بۇنى ئويلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق كومپيۇتېردا Web ئارقىلىق زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۇ نامنى ئىشلەتكەن. SabeerBhatia سودا پىلانى كىتابىنى يازغان ۋاقىتتا ئاخىرىغا mail كېلىدىغان ھەر خىل ناملارنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇ ئاخىرىدا Hotmail نى تاللىغان. چۈنكى Hotmail ئۆز ئىچىگە ئالغان «html» بولسا تور بەت تىلىدىن ئىبارەت. Hotmail دەسلەپتە HoT-MaiL شەكلىدە قوللىنىلغانىدى. مىكروسوفت 1998-يىلى 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا Hotmail نى سېتىۋالغان.
7. گۇگېل (Google)
بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىزدەش ماتورىنىڭ زادى قانچىلىك ئۇچۇرنى ئىزدىيەلەيدىغانلىقىنىڭ كۆپتۈرۈلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شىركەتنىڭ نامى دەسلەپتە «Googol» دەپ ئاتالغان. شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى SergeyBrin بىلەن LarryPage بىر مەبلەغ سالغۇچىغا ئۆزىنىڭ تۈرىنى كۆرسەتكەن. ھەمدە ئاخىرىدا ئۇلار ئاخىرىدا بىر پارچە «Google» شىركىتىنىڭ پۇل چېكىگە ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شىركەت «Google» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
8. Cisco
بۇ بىر قىسقارتىلغان نام بولماستىن، SanFrancisco نىڭ ئاخىرقى بەش دانە ھەرپىدىن ئىبارەت.
9. ئالما (Apple)
سىتۋ.جوبز (SteveJobs) ئالما يېيىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولىدىغان بولۇپ، شىركەت قۇرۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىنمۇ شىركەت نامسىز يۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خادىملىرىغا «ئەگەر چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن بۇرۇن شىركەتكە بىرەر ياخشىراق ئىسىم تاپالمىساڭلار، ئۇنداقتا مەن شىركەتنىڭ نامىنى ئالما دەپ بېكىتىمەن!» دەپ پوپوزا قىلغان. (ئەجەبا باشقىلار ئالما يېشىشنى ياخشى كۆرەرمۇ؟)
10. Apache
شىركەت قۇرغۇچىسى NCSAhttpd ئارقا سەھنىدىكى كود يامىقىغا تاينىپ ئىگىلىكى تىكلىگەن، نەتىجىدە ئۇلار «APAtCHy server» (ياماقلىنىپ بولغان مۇلازىمىتېىر)غا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شىركەتنى Apache دەپ ئاتايدۇ.
11. Adobe
شىركەت قۇرغۇچىسى JohnWarnock نىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدە AdobeCreek دەيدىغان بىر دەريا بار بولۇپ، ئۇ شىركەت نامنى دەريا نامىنىڭ باش قىسمى بويىچە ئاتىغان.
12. !YAHOO
«Gulliver نىڭ ساياھەت خاتىرىسى» نىڭ ئاپتورى جوناتھان.سۋىت yahoo دېگەن تاق خەتنى ئىجاد قىلغان. ھېكايىدە ئۇ يۈرۈش-تۈرۈشى ئادەمنى ناھايىتى بىزار قىلىدىغان بىر غەلىتە مەخلۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، !YAHOO نىڭ قۇرغۇچىسى ياڭ جى يۈەن بىلەن David Filo لار بۇ نامنى ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا تايىنىپلا تاللىغان.
13. Xerox
xer بولسا گرېتسىيە يېزىقىدىكى سۆزنىڭ كۆتىكى بولۇپ، «قۇرۇق» » غا ۋەكىللىك قىلىدۇ. Chestor Carlson كەشىپ قىلغان مەھسۇلات قۇرۇق نۇسخىلاش ماشىنىسى بولۇپ، بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى مەنلەش ئۇسۇلىدا نۇسخىلايدىغان ماشىنىدىن زور پەرقلەنگەچكە، ئۇنىڭ نامى ئاخىرى Xerox قىلىپ بېكىتىلگەن.
14. Sun Microsystem
بۇ شىركەتنى سىتانفۇرد ئۇنىۋېرسىتېىتىدىكى تۆت بۇرادەر قۇرۇپ چىققان. SUN بولسا «Stanford University Network» نىڭ باش ھەرىپلىرىنىڭ قىسقارتىلىشىدىن شەكىللەنگەن.
15.Sony
Sony دېگەن بۇ نام sonus بىلەن sonny نىڭ بىرىكمىسىدىن شەكىللەنگەن. sonus لاتىنچە سۆز بولۇپ، ئاۋازغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. sonny ئامېرىكا شېۋە سۆزى بولۇپ، چېچەن ئۆسمۈرلەرنى ئاتاش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
16.SAP
بۇ نام «Systems,Applications, Products in Data Processing» لارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇ شىركەت IBM نىڭ تۆت نەپەر ياللانما خادىمى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئۇلار IBM دىكى بۆلۈمنىڭ نامىنى «Systems/Applications/Projects» دەپ ئاتىغان.
17. RedHat (قىزىل قالپاق)
شىركەت قۇرغۇچىسى Marc Ewing ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭ بوۋىسى ئۇنىڭغا ئۈستىگە قىزىل ۋە ئاق رەڭدە سىزىقلار سىزىلغان بىر Cornell خوككېي كوماندىسىنىڭ بىر قالپىقىنى بېرىدۇ. ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن قالپاقنى يىتتۈرۈپ قويۇپ، ئۇنى ناھايىتى تېزلىكتە تېپىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. قىزىل قالپاق Linux beta نەشرىدىكى ئابونتلار قوللانمىسى ئىچىدە مۇنداق بىر ئېغىز گەپ بار:« ئابونتلار ئەگەر ئۇنىڭ قىزىل قالپىقىنى تېپىۋالساڭلار، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار».
18. Oracle
Larry Ellison بىلەن Bob Oats ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) دىن بىر تۈرلۈك خىزمەت ئۇقۇشىدۇ. بۇ خىزمەتنىڭ مەخپىي نامى Oracle ( ئىلاھىي يارلىق) ئىدى. CIA بۇ سىستېما ئارقىلىق ھەممىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغانىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved