ياۋ تۇڭ، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 14 – مارت گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: بۇلتۇر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: مەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تولۇق ھىمايە قىلىمەن. بۇلتۇر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا تىرىشىپ خەلققە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇردى. سوت، تەپتىش سىستېمىسىدىكىلەر خىزمەتتە يولۇققان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى ئىلمىي ئىگىلەپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
ۋەكىل شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىنى كۆپ خىل تىلدا قانات يايدۇرۇش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈشىنى؛ ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىنى؛ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مىقدارغا، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋەكىل لى شۆجۈن مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: توردا جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى قانۇن بويىچە جازالاش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن – سىن پىروگرامملىرىنى قانۇنسىز تارقىتىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەركەزلىك زەربە بېرىش، بىرلەشمە جەڭ قىلىش خىزمەت سالمىقى ئاشۇرۇلسا، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەشۋىق قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى سىستېمىلىق، كۆلەملىك، كەڭ دائىرىلىك قانات يايدۇرۇلسا.
ۋەكىل مەمتىمىن ياسىن مۇنداق دېدى: ئىككى دوكلاتنىڭ مەزمۇنى مۇكەممەل بولۇپ، خىزمەت ئەسلىمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. قوبۇل قىلىدىغان دېلولار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى قاراتمىلىق ھالدا تۈزۈپ، ئىختىساسلىقلار ئېقىپ كېتىش، دېلو كۆپ، ئادەم ئاز بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ۋەكىل جارۇللا ھېسامىدىن مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىگە، تېررولۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىلسە، قانۇنغا، دەۋاغا ئالاقىدار قىيىن مەسىلىلەر زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىنىپ، بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئىجرا قىلىنىپ، ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلسا.
ۋەكىل ئابدۇللا ئابباس مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكلىپلىك نازارەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇلتۇر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا تېخىمۇ ئاكتىپ كۈچ تارقاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.
ۋەكىل زېڭ سۈن مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بېكىتىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىسلاھاتىنىڭ مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قانۇن تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىنسا.
ۋەكىل ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: چەت، يىراق رايونلار، تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردىكى سوتچى، پىروكۇراتورلارنىڭ كەسىپ كاپالىتى سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خادىملارنى تۇتۇپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنسا.
ۋەكىل ھوشۇر ئىسلام مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: سوت، تەپتىش سىستېمىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن ئالاقىدار كومپيۇتېر پىروگراممىلىرى تەتقىق قىلىنىپ، كومپيۇتېر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقىدىكى قانۇن ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاشكارىلىقى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلسە.
لى نا، فۇ چۈنلى، ماھىنۇر نىياز، خالىدە ئابدۇقادىر، ليۇ شىنشېڭ، ۋۇ گاڭ، تاڭ شىچېڭ، ليۇ جى، مۇختەبەر سادىق، ياڭ چىن قاتارلىق ۋەكىللەرمۇ قاراپ چىقىشتا سۆز قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدە قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش بويىچە سوت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئەدلىيە ئىناۋىتى ۋە بىرىكىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلاردا قاراتمىلىق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved