مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى تېز كانكى تېيىلىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلدى

          مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈشتىن ئاپتونوم رايونلۇق مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىدىكى تېز كانكى تېيىلىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلدى، بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەر ئىجارىگە ئېلىنىپ، سېتىۋېلىش چىقىمى تېجەلدى، فۇجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئىئانە قىلغان ئەشيالار قوبۇل قىلىندى، مۇسابىقىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى 34 مىليون يۈەن پۇل تېجەپ قالدى.

        ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مۇسابىقىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش شەرتى ئاستىدا، ھەر مىللەت تاماشىبىنلارغا بىر قېتىملىق قىزىقارلىق، ئۇنتۇلغۇسىز باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئاددىي، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

       مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئەسلىدە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى، لېكىن مۇراسىم مەيدانىنى ياساش چىقىمىنى تېجەش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىدىكى تېز كانكى تېيىلىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلدى، بۇنىڭدىن 80 مىليون يۈەن تېجەپ قېلىندى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىدىكى مەيدان – سارايلارنى ياساش جەريانىدا، مۇسابىقە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش شەرتى ئاستىدا، ئەسلى پىلاندىكى مۇز چەينىكى سارىيى مۇز توپى سارىيىغا ئۆزگەرتىلىپ، قىسقا ئارىلىققا تېز كانكى تېيىلىش سارىيىنىڭ قوشۇمچە سارىيى مۇز چەينىكى سارىيى قىلىندى، ئەسلىدە سېلىنماقچى بولغان بەش ساراي تۆتكە ئۆزگەرتىلىپ، 100 مىليون يۈەن تېجەلدى، ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشنىڭ ئورنىغا ئىجارىگە ئېلىنىپ، نۇرغۇن چىقىم تېجەلدى.



ئاپتونوم رايونلۇق مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزى 2015 – يىل 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى بۇلتۇر فۇجودا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 1 – نۆۋەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئىئانە قىلغان ئومۇمىي قىممىتى 400 مىڭ يۈەنلىك خاتىرە كومپيۇتېر، پرىنتېر، ئۈستەل قاتارلىق ئەشيالارنى قوبۇل قىلدى.



خەتكۈچلەر:
14-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek