ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى گىرېتسىيە مۇساپىرلار لاگېرىدىكى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان تۇرمۇشنى تەنقىد قىلدى

«يەر شارى تورى خەۋىرى» نۇر تورى تەرجىمىسى: فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ  13-مارت فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، گىرېتسىيەنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 13-مارت، ب د ت مۇساپىرلار ئىشلىرى ۋالىي مەھكىمىسى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئىدمايىن مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان شارائىتىنى تەنقىد قىلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 3-مارت، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بابار بالوچ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇساپىرلار مەھكىمىسىنى تەنقىد قىلىپ:«ياۋروپادىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى چەككە يەتتى، ئىدمايىن مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شارائىتىدا كىشىنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىكى بەك تەس» دېگەن. ئۇ يەنە سۆزىنى تولۇقلاپ:«مۇبادا يامغۇر يېغىپ قالسا ئۇ يەرنىڭ شارائىتىنى كىشى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۈنسېرى يامانلاشماقتا، كىشىلەر قاتتىق دەرد-ئەلەم تارتماقتا» دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىدمايىن مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ داۋالاش شارائىتى ئىنتايىن ناچاركەن، ھەتتا ھاجەتخانىمۇ يوقكەن. يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، نەچچە ئون بالا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ۋە باشقا ھەر خىل كېسەللەر بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. گىرېتسىيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ 12- مارت دېيىشىچە، سۈرىيەلىك توققۇز ياشلىق قىزچاق ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپتۇ.

13- مارت، سۈرىيەلىك ۋە ئىراقلىقلاردىن تەشكىللەنگەن مۇساپىرلار يەنە بىر قېتىم ئىدمايىنغا كىرىش نامايىشى قىلغان، ئادەم سانى 200 گە يەتكەن. نامايىشچى مۇساپىرلار «چېگرانى ئېچىۋەتسۇن» دەپ قاتتىق توۋلىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇنداق نارازىلىق نامايىشى كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.




خەتكۈچلەر:
15-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-04-2016
يەر شارى تورى 18- ئاپرېل خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابدۇسالام تەرجىمىسى ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پالىكار 16- ئاپرېل جۇڭگوغا يېتىپ كېلىپ 5 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. شۇ...
18-04-2016
بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئالما شىركىتى بىلەن سامسۇڭ شىركىتى بىر كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن سامسۇڭ شىركىتى 2017-يىلى ئالما شىركىتىنى 100 مىليون دانە OLED لىق ئېكران بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ئېكرانلارنىڭ قىم...
18-04-2016
لى كېچياڭ ئالىي مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ تەرەققىيات كەلگۈسىنى قول...
18-04-2016
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى «پەن تېخنىكا گېزىتى» يېقىندا مۇنداق ماقالە باستى: جۇڭگو شياڭگاڭ تەبىئىي پەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتى بىلەن ساھە ھالقىغان بىيو-مېدىتسىنا قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ مۇت...
18-04-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 4 دىيۇملۇق iPhone SE غا ئوخشىمايدىغىنى، باشقا ئاندرويىد شىركىتىنىڭ ھەممىسى ئاكتىپ ھالدا چوڭ ئېكرانلىق يانفون چىقاردى. 5.7-6 دىيۇملۇق ئېكران ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىسى ھەممىلا يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ. جۇ...
18-04-2016
يەر شارى تورى 18- ئاپرېل خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە مالىيە مىنىستىرلىكى شۇ جاي ۋاقتى 18- ئاپرېل ئېلان قىلغان بىر پارچە چوڭ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگىلىيە ناۋادا ياۋ...
18-04-2016
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 18-ئاپرېل خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئىران مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى ۋەلىيۇللاھ سەيىف يېقىندا ئاز كۆرۈلىدىغان ھالدا ۋاشىنگتونغا باردى. ئۇ ۋاشىنگتوندىكى مەزگىلدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تە...
18-04-2016
سۇمرۇغ تورى 18- ئاپرېل خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابدۇسالام تەرجىمىسى برازىلىيە‹‹ سان پاۋلو سەھىپە گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 17-ئاپرېل كەچتە برازىلىيە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە 342 نەپەر ئەزا ھازىرقى پرېزى...
18-04-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 18- ئاپرېل خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابدۇسالام تەرجىمىسى ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 14- ئاپرېلدىن بۇيان ياپونىيەنىڭ كۇماموتو، ئوئىتا ئايماقلىرىدا ئارقا- ئارقىدىن يەر تەۋرەش ئاپىت...
18-04-2016
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» 4-ئاپرېل تىرامپنى زىيارەت قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان زىيارەتتە ترامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى، ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلى...
Powered by Leglek