دومىنىكا ساقچىلىرىنىڭ 26-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، دومىنكىنىڭ شەرقىدە شۇ كۈنى ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى چوڭ ئاپتوبۇس ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ كەم دېگەندە 11 ئادەم ئۆلۈپ 50 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ئېغىر قاتناش ۋەقەسى دومىنكا پايتەختى سانتو دومىنگودىن 160 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر يولدا يۈز بەرگەنىكەن. مېھمانخانا خىزمەتچىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان بىر دانە ئاپتۇبۇس يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش يولىدا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بالون ئېتىلىپ كېتىپ ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ساياھەت ئاپتۇبۇسغا سوقۇلۇپ كەتكەنىكەن.
نۆۋەتتە يارىدارلار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، قاتناش ۋەقەسى سەۋەبى داۋاملىق تەكشۈرۈلىۋاتقان ئىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved