بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە ،شۇ جاي ۋاقتى 5-ماي ئەتىگەندە ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن روسىيەپەرەس قوراللىىقلار شەرقىي قىسىمدىكى شەھەر سىلاۋىيانىسكىدا كەسكىن ئېتىشقان .ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېتنلىقى ئېتىشىشتا ،ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىن 4 ئادەم قازا قىلىپ ،34 ئادەم يارىلاندى دەپ خەۋەر قىلدى ،روسىيەپەرەس قورالىقلارنىڭ كەم دېگەندىمۇ ئىككى بىرونېۋىكى ۋە نۇرغۇن قوراللىقلىرى بۇ قېتىمقى ئېتىشىشقا قاتناشقان .
بۇنىڭدىن باشقا رېتىر ئاگېنتىلىقىنىڭ مۇخبىرى يەنە ،5-ماي ئەتىگەندىن باشلاپ كۈچلۈك ئېتىشىش ئاۋازى ئۈزۈلمىدى ،شەھەر مەركىزىگە بارغانسېرى يېقىنلاۋاتىدۇ دېد ى .بىر مەزگىلدىن بۇيان‹ ئوكرائىنادىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ كەينىدە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تەسىرى بارمۇ يوق ؟›دېگەن مەسىلە ئىزچىل دىققەتنى تارتىپ كەلدى .4-ماي گېرمانىيىنىڭ سۈرەتلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە ،گېرمانىيە بىخەتەرلىك تارمىقىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ ئاشكارلىشىچە ،ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدە خادىمى ھازىر ،ئۇكرائىنا پايتەختى كىيىۋتا ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى جىددىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرىشىغا ياردەم قىلىۋېتىپتۇ .
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ،مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ھازىر ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئەقىل كۆرسىتىپ ،ئۇلارغا شەرقىي قىسىمدىكى جىددىىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەتكەن ،شۇنداقلا ئامېرىكا ئالاھىدە خادىملىر ى يەنە يۇشۇرۇن ئۇسۇلدا ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىنىڭ مال-مۈلۈكنى تەكشۈرگەن .
خەۋەردە يەنە ئامېرىكا ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ پائالىيەت دائىرسى كىيېۋ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ،باشقا جايلاردىمۇ بارلىقى كۆرسىتىلدى .ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ روسىيەپەرەس قوراللىقلارغا قارشى ھەرىكىتىگە بىۋاستە قاتناشمىغانلىقى تەكىتلەندى . بۇنى ئىلگىرىكى روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا ، گېرمانىيە سۈرەتلىك خەۋەر گېزىتىنىڭ بۇ خەۋىرىنىڭمۇ ئاساسى يوق ئەمەس .
ئالدىنقى ئاينڭ 12-كۈنى روسىيە تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بېراننڭ يالغان ئىسىم ،يالغان سالاھىيەت بىلەن كىيىۋنى مەخپى زىيارەت قىلىپ ،ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدار بىلەن كۆرۈشتى دېدى .ئارقىدىن ئامېرىكا ئاقساراي پوزىتسىيىنى تامامەن ئۆزگەرتىپ ،بېرىناننىڭ كىيىېۋقا قىلغان مەخپى زىيارىتىنى دەلىللەپ ،بۇنى بىر قېتىملىق نورمال زىيارەت دېدى .
ئەمما ئامېرىكا ۋالىستىرىن كوچىسىدىكى داڭلىق پۇل -مۇئامىلە تور پونكىتى دەرھال ماقالە ئېلان قىلىپ ،گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى .ئەگەر بېرىناننىڭ كىيىۋقا بېرىشى نورمال خىزمەت زىيارىتى بولسا نېمىشقا يالغان ئىىسم ۋە يالغان سالاھىيەت ئىشلىتىدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەر نېمىشقا مەخپى ئېلىپ بېرىلدۇ ؟بېرىنان كىيىۋقا زادى نېمە ئىش قىلغىلى باردى ؟
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved