شياۋمى شىركىتى يېقىندا شياۋمى تېلېۋىزورى 3S نىڭ 43 دىيۇملۇق نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان، ئارقىدىن يەنە بۇ مەھسۇلاتقا ئۇلاپلا، ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى تۇنجى ئەگمە يۈزلۈك ئېكران سەپلەنگەن شياۋمى تېلېۋىزورى 3S نىڭ 65 دىيۇملۇق نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان، بۇ تېلېۋىزورنىڭ سېتىلىش باھاسى 8999 يۈەن ئىكەن.
شياۋمى ئۆزىنىڭ بۇ 65 دىيۇملۇق تېلېۋىزورىنى «ئەڭ چىرايلىق شياۋمى تېلېۋىزور» دەپ تەرىپلىگەن. بۇ تېلېۋىزورنىڭ شەكلىگە كەلسەك، ئۇنىڭ قېلىنلىقى 5.9 مىللىمېتىر بولۇپ، iPhone 6s دىن %17 نېپىز ئىكەن، تېلېۋىزور يۈزىدىكى ئەينەك تاختىنىڭ قېلىنلىقى ئاران 0.4 مىللىمېتىر ئىكەن. ئېكرانىغا كەلسەك، بۇ تېلېۋىزورغا سامسۇڭ تەمىنلىگەن ئەسلى زاۋۇتتىن ئەكەلدۈرۈلگەن 4K لىق ئېكران ئىشلىتىلگەن، تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەگمە يۈزلۈك ئېكراننىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى تېخىمۇ كەڭرى بولۇپ، ئادەمگە كىنودىكى كۆرۈنۈش ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەلەيدىكەن.
سەپلىمىسىگە كەلسەك، 43 دىيۇملۇق نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا، 65 دىيۇملۇق نۇسخىدىكى شياۋمى تېلېۋىزورى 3S گە MStar 6A928 تىپلىق بايراقدار تېلېۋىزور بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئاساس چاستوتىسى 1.4GHz بولغان تۆت دانە A17 يادرودىن تۈزۈلگەن، سەككىز يادرولۇق شەكىل بىر تەرەپ قىلغۇچ توپلاشتۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 8GB لىق تېز سۈرئەتلىك ئاساس ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن، كۆك چىش ۋە سىمسىز تور قوللاش ئىقتىدارى ھازىرلانغان. شياۋمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى خىل يېڭى تېلېۋىزور 31-مارت رەسمىي ھالدا شياۋمى ئورگان تورىدا سېتىشنى باشلايدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved