جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ‹‹ElUniverso›› ناملىق تاراتقۇنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 4-نويابىر كەچتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، كاكانىڭ شەخسىي مەسلىھەتچىسى كاكانىڭ ئايالى كارولىن بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ، بىراق ئەينى چاغدا بۇ خەۋەر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتمىگەن . جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلار بەس-بەستە بۇ خەۋەرنى تارقاتقان ، ئەڭ ئاخىرىدا بىرازىلىيەنىڭ ‹‹يەر شارى تورى ›› نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تاراتقۇ كاكا بىلەن كارولىننىڭ ھەقىقەتەن توققۇز يىللىق نىكاھىنى ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى دەلىللىگەن .
كاكا بىلەن كارالوننىڭ مۇھەببەتلىشىشى ۋە توي قىلىشى بەئەينى زامانىۋى نۇسخىدىكى گۈزەل بىر چۆچەككە ئوخشايدۇ . ئىككىيلەن 2002-يىلى مۇھەببەتلەشكەندە كاكا 20 ياش ، كارولىن 15 ياش ئىدى . 2005-يىلى 18 ياشلىق كارولىن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ، شۇ يىلى 23-دېكابىر كاكا بىلەن توي قىلدى . تويدىن كېيىنكى توققۇز يىل مابەينىدە ئىككىيلەن بىر ئوغۇل ، بىر قىز پەرزەنتلىك بولدى ، بۇ يىل ئوغلى لۇكا ئالتە ياشقا ، قىزى ئېسابىلا ئۈچ ياشقا كىردى .
![]() |
ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved