«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسىل:سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت 21-چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 1 مىليارد 800 مىليون ئادەم سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 2/3 قىسىم ئادەم سۇ كەمچىل مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئورماننى ئاسراش دۇنيادىكى تاتلىق سۇ مەنبەلىرىنى باشقۇرۇش ۋە سۇ قىسلىق مەسىلىسىدىن ساقلىنىشتىكى زۆرۈر تەدبىر ئىكەن.
3-ئاينىڭ 21- كۈنى «خەلقئارا ئورمان كۈنى» بولۇپ، ئورمانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى شۇ كۈنى ب د ت باش شىتابىدا كىچىك گۇرۇپپا مۇنازىرە يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىلقى «خەلقئارا ئورمان كۈنى»نىڭ باش تېمىسى «ئورمان ۋە سۇ» بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يىغىندا كۆرسىتىشىچە، پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۈيىنىڭ 3/4 قىسمى ئورمانلىق سۇ يىغىلىش رايونلىرىدىن كېلىدىكەن. 1 مىليارد 600 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئورمانلىقلارغا تايىنىپ ئىچىملىك سۇ، يېمەكلىك، دورا ۋە يىقىلغۇ قاتارلىق تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئورمانلىق ۋادىسى ۋە نەم يەرلەر يامغۇرنىڭ چۈشۈش شەكلى ۋە ئورنىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ھەمدە يامغۇر سۈيىنى سۈزۈۋالاليدىكەن. ئورمانلىق يەر ئاستى سۈيىنى تولۇقلاش، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كونترول قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق سۇ مەنبەسىنى تەڭشەش ۋە تەمىنلەش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
ب د ت ئورمانچىلىق مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى سۇبولانىڭ كۆرسىتىشىچە، ئورمانلىقنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بۇ يەنە يېڭى ۋە پاكىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرىدىن باشقا بىر تەننەرخ ۋە ئۈنۈم شۇنداقلا مۇھىت ئاسراشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان لايىھە ھېسابلىنىدىكەن. ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئايان بولۇشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھەريىلى 7 مىليون گېكتار تەبىئىي ئورمان ئېقىپ كېتىدىكەن. 50 مىليون گېكتار ئورمانلىق كۆيدۈرۈۋېتىلىدىكەن. دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئېشىشى ۋە سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئورمانلىقلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى قوغداش خىزمىتى تېخىمۇ تەخىرسىز بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قىلىۋېتىپتۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved