1-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،سەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى لىنۋېي رايونى ساڭچېڭ يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان مەلۇم مېھمانساراي ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىدا، ‹ خۇاڭشاڭ گېزىتى› نىڭ مۇخبىرى ئۈچ چاقى ئېلىۋىتىلگەن قارامتۇل يېشىل رەڭلىك تويوتا ماركىلىق دالا ماشىنىسىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، ماشىنىنىڭ بىر تەرىپىگە يەنە ‹ ماشىنا ئىگىسى قەرزنى قايتۇرمىدى› دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغانىدى، بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر يولدىن توختاپ ماشىنىغا قاراپ تۇرۇپ قېلىشقانىدى.
ئادەم سېلىپ بۇ ماشىنىنىڭ چاقىنى ئېلىۋەتكەن جاۋ خانىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ماشىنىنىڭ ئىگىسى-جاۋ فامىلىلىك 2014-يىلى جاۋ خانىمدىن 100 مىڭ يۈەن پۇل ئۆتنە ئالغان، ئىككى تەرەپ قەرز ھۈججىتى ئىمزالاشقان، كەينىدىن جاۋ فامىلىلىك ئەر جاۋ خانىمغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلىگەن. ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، جاۋ خانىم ئۆتنە بەرگەن پۇلنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغاندا، جاۋ فامىلىلىك ئەر ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ پۇلنى قايتۇرمىغان، كېيىن جاۋ خانىمنىڭ تېلىفونىنىمۇ ئالماس بولۇپ كەتكەن. 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، جاۋ خانىم ئۆزىدىن پۇل قەرز ئالغان جاۋ فامىلىلىكنىڭ ماشىنىسىنىڭ يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ماشىنىنىڭ يېنىدىن ئادەم ئۈزمەي تۆت كۈن ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن جاۋ فامىلىلىك ئىزچىل ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن.
1-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتە، جاۋ خانىم ئادەم تېپىپ تويوتا ماركىلىق بۇ پىكاپنىڭ ئۈچ دانە چاقىنى ئالدۇرۇۋەتكەن. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، لىنۋېي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماق ئىدارىسى دۇچىياۋ ساقچىخانىسى دېلو مەلۇماتى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، مەلۇماتتا بىرەيلەن ماشىنىسىنىڭ چاقىنى باشقىلار ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. بۇ ئوغرىلىق دېلوسى ساقچى تەرەپنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان، ساقچى تەرەپ كېچىلەپ كۆزىتىش كامىراسىدىكى سىن خاتىرىسىنى كۆرۈپ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە باشلىغان، ھەم ئاخىرىدا ماشىنا چاقىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. جاۋ خانىم تىت-تىت بولغان ھالدا مۇنداق دېدى:‹ ماشىنا چاقىنى ئېلىۋەتكىلى تۆت كۈن بولدى، لېكىن جاۋ فامىلىلىك ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى كۆرسەتمىدى، بىز تېخى يەنە ھەر كۈنى ئادەم ئەۋەتىپ ماشىنىنى نازارەت قىلدۇرۇپ كەلدۇق›.
بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋ فامىلىلىك ئەر بىلەن جاۋ خانىم ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ماجرانىڭ بارلىقىنى بايقىغان بولۇپ، جاۋ خانىم ئۆزىنىڭ ئادەم چاقىرىپ ماشىنىنىڭ چاقىنى ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى، چاقى ئېلىۋىتىلگەن ماشىنا ئىگىسىنىڭ جاۋ فامىلىلىك ئەر ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. ۋاڭ فامىلىلىك ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماجرا ئىقتىسادىي ماجرا بولغاچقا، دېلو بولۇپ ھېساپلانمايدىكەن، ساقچى تەرەپمۇ بۇ ئىشقا قارىتا دېلو تۇرغۇزالمايدىكەن، ساقچى تەرەپ پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ تېزلىكتە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ياكى ئەدلىيە تارماقلىرى ئارقىلىق بۇ ماجرانى ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلالايدىكەن. مۇخبىر چاقى ئېلىۋىتىلگەن ماشىنىنىڭ ئىگىسى-جاۋ فامىلىلىك بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ھالدا جاۋ فامىلىلىك بىلەن ئالاقە قىلالمىغان.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved