تاش جەسەتداندىكى موميانىڭ ئىسمى مىنىردىس ، 14 ياش ، بۇنىڭدىن 2500 يىل بۇرۇن مىسىردا ئۆلۈپ كەتكەن .
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 8-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا چىكاگو فىئېلد تەبىئەت تارىخى مۇزېيىدا 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىسىرنىڭ تاش جەسەتدانى ئېچىلغان . بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر موميا ئورالغان رەخت سارغىيىپ ، بەزى يەرلىرى چىرىپ يىرتىلىپ كەتكەنلىكتىن ، موميانىڭ پۇت بارمىقى سىرتىغا چىقىپ قالغان .
تاش جەسەتداندىكى موميانىڭ ئىسمى مىنىردىس ، 14 ياشتا بولۇپ ، قەدىمىي مىسىردىكى بىر كاھىننىڭ ئوغلى ئىكەن . بۇ موميا 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى بايقالغان . نۆۋەتتە كىشىلەر پەقەت مىنىردىسنىڭ پۇت بارمىقىنىلا كۆرەلەيدىكەن . ئۇزاق يىللار ئۆتۈپ كەتكەچكە ، كىشىلەر ئۇنىڭ يۈزىدىكى نىقابنى ئېلىشقا ئامالسىز قالغان ، چۈنكى نىقابنى ئېلىۋەتكەندە موميا بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىنكەن .
بۇ مۇزېينىڭ باشلىقى بروۋن ئۈچ نەپەر ئالىم بىلەن بىرلىكتە قىسقۇچ ۋە مېتال بۇيۇملار ئارقىلىق بىر خىل ئاسما جازا ياساپ ، جەسەتداننىڭ ئاغزىنى كۆتۈرگەن ھەمدە ئۇنى مۇزېينىڭ نەملىكنى كونتىرول قىلغىلى بولىدىغان تەجرىبىخانىسىغا ئېلىپ كىرگەن .تاش جەسەتداندىكى خاتىرىلەردە ئايان بولۇشىچە ، ئەگەر مىنىردىس ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسا ، ئۇ ئاتىسىغا ئوخشاش كاھىن بولىدىكەن . نۆۋەتتە ، ئالىملار مىنىردىسنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۇنچە بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بولالمىغان .
بۇ تاش جەسەتدان 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا قېزىۋېلىنىپلا ئامېرىكا چىكاگو فىئېلد تەبىئەت تارىخى مۇزېيىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ، بۇ مۇزېيدا ھازىرغىچە مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن جەمئىي 30 ئادەم مومياسى ساقلانغان . مۇزېي باشلىقى بروۋن تاش جەسەتداننى ئېچىش جەريانىدا موميانىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدىكەن . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ، تاش جەسەتداندىكى بىر قىسىم نەرسىلەر يوقاپ كېتىپ ، موميا بىۋاسىتە ئاۋا بىلەن ئۇچراشقان .
2015-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ، مىنىردىس موميا لوس ئانژىلىس تەبىئەت تارىخى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن ھەمدە 2016-يىلى كۈندە دېنۋېر تەبىئىي پېنى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىشىدىن ئۈمىد باركەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved