نىگېل جېكسون بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن بولۇپ، كىرا ماشىنىسى شوپۇرى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈككە كۆمۈۋەتكەندىن كېيىن، ھازىرقى قىز دوستىغا ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى شۇنداقلا ئالدىنقى ئايالىنىڭ ئاللىقاچان ئىسپانىيىگە كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن جېكسوننىڭ ۋېنىسسا ئىسىملىك ھازىرقى قىز دوستى بۇ قورقۇنچلۇق ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىزچىل ئۆزىنى باسالماي كەلگەن.
ۋېنىسسانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ جېكسون بىلەن تونۇشقىلى بەش يىل بولغان بولۇپ، ئىككىسى قوشنا بولغاچقا، يېقىن ئەتراپتىكى قەھۋەخانىلاردا ئۇچرىشىپ تۇرغانلىقتىن بارا-بارا دوست بولۇپ قالغان. جېكسون ئىزچىل ھالدا ۋېنىسساغا ئۆزىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن 18 ئاي ئىلگىرى بۇ ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى دوستلۇقتىن ئاشىق-مەشۇقلۇق مۇناسىۋىتىگە ئايلانغان، ۋېنىسسانىڭ نەزىرىدە جېكسون ناھايىتى مۇكەممەل ئەنگىلىيە مۆتىۋىرى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تاپشۇرۇشقا ئەرزىيدىغان بويتاق بولۇپ، چۈنكى جېكسون ئىزچىل ھالدا ناھايىتى ئەدەب-قائىدىلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى ۋېنىسسانىڭ ئوغلىنىڭ ھەر قانداق تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن ئىكەن.
جېكسون ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئايالى-بىرىندانىڭ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتىنى ھازىرقى قىز دوستى-ۋىنىسسا بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ كەينىدىكى گۈللۈككە كۆمۈۋەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن، جېكسون ئىسىملىك بۇ ئەر ئالدىنقى ئايالى بىرىندانىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇللارنى ئوغرىلاپ، ئۇنىڭ ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىنى سېتىۋەتكەن، شۇنداقلا يالغاندىن ئايالىنىڭ ئورنىدا ئۆيىدىكىلىرىگە ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ گېرمانىيىدە بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىنى ھەم ئىزچىل ھالدا شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ۋىنىسسانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ جېكسوننىڭ ئالدىنقى ئايالى-بىرىندانىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇپ، لېكىن ئىزچىل ھالدا ئۇنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن، جېكسون ئۇنىڭغا بىرىندا بۇ يەرگە راك كېسىلىنى داۋالاتقىلى كەپتۇ دېگەن. ئۆتكەن يىلى 1-ئايدا، بىرىندانىڭ بىر نەچچە بالىسى ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلغان ھەم پورتۇگالىيە ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشقان. ساقچىلار بىرىندانىڭ جەسىتىنى تاپقاندىن كېيىن، جېكسون بىرىندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولۇپ كەلگەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى ھەم مېنىڭ ئۇنى ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈككە كۆمۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى دېگەن. ئۆتكەن ھەپتە، جېكسون قاتىللىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىز دوستى-ۋىنىسسامۇ ئۇنىڭ بىلەن بولغان 18 ئايلىق مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved