بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .جۇڭگو بىلەن دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتى دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقنى تەبرىكلەش كۈتىۋېلىش يىغىنى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىكى دىياۋ يۈ تەي مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ باشلىقى جاڭ دېجىياڭ ۋە كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى .
جاڭ دېجىياڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى :‹1964-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كونگو جۇمھۇرىيىتى رەسمىي باش ئەلچى دەرىجىلىك دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى . ئۆتكەن 50 يىل جۇڭگو بىلەن كونگو جاپادا بىرگە بۇلۇپ ،ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەم بەرگەن ،سەمىمىي ھەمكارلىشىپ ،تەرەققىي قىلغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقى گۈللەنگەن 50 يىل بولدى .
50 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ ،ئافرىقا خەلقى بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ،تەرەققىي قىلىش گۈللىنىشتەك ئافرىقا ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ ،كونگو خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ دۆلەتنى دېمكۇراتلاشتۇرۇپ قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك كونگو ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ .ھەقىقىي ئەمەلىيەتچىل يېقىن ،سەمىمىي بۇلۇش رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغاندا ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى فاڭجېن ،جۇڭگو مەڭگۈ ئافرىقىنىڭ ئىشەنچىلىك دوستى ،سەمىمىي ھەمراھى .
ئافرىقا بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىچە ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،ئورتاق گۈللىنىپ ،روناق تېپىشنى سەمىمىي خالايدۇ . جەمئىيەت تىنچلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ گۈللىنىش ئارزۇسىغا ئورتاق يېتىدۇ .بىز جۇڭگو كونگو دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ،رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كونگو زۇڭتۇڭى تۈزىگەن ئورتاق تۇنۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ سىياسىي جەھەتتىكى ئىشنىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ،ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ،ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىپ ،تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك ›.
كونگو زۇڭتۇڭى تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى :‹ئىككى دۆلەت دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى 50 يىلدا ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى .ئىككى تەرەپ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ،ئورتاق مەنپەتلىندىغان مول نەتىجىگە ئىگە ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتتى ، بۇ 50 يىل كونگو جۇڭگو دوستانە ئۆتكەن ،ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقان ،ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان 50 يىل بولدى .جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو ئىقتىسادىي ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ سىياسىي ،ئىجتىمائىي ئىشلىرى مۇقىم بولدى ،جۇڭگو كونگونى ئۆز ئچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى .ئۈچۈن باشتىن ئاخىرى سېخىيلىق بىلەن ياردەم قىلدى ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved