ئالى بابا نىمە ئۈچۈن قالتىس؟
ئامېرىكدا، كۆپلىگەن ئېستىمالچىلار توردىن مال سېتۋالغاندا ئامازوننى تاللايدۇ، ئەكىسچە جۇڭگودىكى مىلىيونلىغان ئېستىمالچىلارنى ئېلىپ ئېيتساق، توردىن سېتۋىلىش ۋەكىلىك قىلىدىغان ئىسىم تاۋباۋ( taobao) ۋە تىيەن مىياۋ(tmall)، بۇ ئىككىلىسىلا ئالى بابا گورۇھىنىڭ باشقۇرشىدىكى مال سېتۋىلىش تور بېكەتلەر.
جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى غايەت زور بازاردىن ئالغان پايدىسىغا ئاساسلانساق( جۇڭگودىكى ئېنتىرنىت ئىشلەتكۈچىلەر 600 مىلىيوندىن ئاشىدۇ)، ئالى بابانىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى ئۆتكەن ئون يىلدا ئۈزلۈكسىز زورايدى، باشقۇرشىدىكى تور بېكەتلەرنىڭ سېتىش كۆلىمى ئاللىبۇرۇن ئامازون ۋە ئې باينىڭ سېتىش سوممىسى يىغىندىسدىن ئىشىپ كەتتى.
بۈگۈن ئالى بابا ھالقىلىق بىر ئۆتكەلدە تۇرماقتا: مەزكۇر شىركەت نيۇيوركقا بىرىپ بازارغا چىقىش ئۈچۈن IPO (دەسلەپكى ئوچۇق -ئاشكارا يىغققان پاي قىممىتى) يىغش باسقۇچىدا تۇرماقتا، مەزكۇر سودا ئامېىركا تارىخدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېنتىرنىت شىركىتىننىڭ IPO كاپىتالى بولۇپ قالىدۇ دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. ئانالىزچىلار ۋە بانىكىرلارنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشچە، ئالى بابانىڭ بۇقىتىمقىIPO كاپىتالى ئەڭ ئاز بولغاندىمىمۇ 15 مىلىياردتقا يىتىپ، بەلكىم 2012 - يىلى فەيىسبوك يارتقان IPO كاپىتالى 16 مىلىيارد رىكورتتىن ئىشىپ چۈشىدۇ دەپ قارالماقتا.
مەركىزى شىياڭگاڭغا جايلاشقان لى ئاڭ ئاكسىيسى (里昂证券)نىڭ ئانالىزچىسى پائۇل ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا گورۇھىلىرى ئىچدە ئالى باباغا ئوخشاش ئۆز تۇپرىقىدا يىتەكچىلىك رول ئوينىيالايدىغاندىن بىرسىمۇ يوق، دېدى.
ئالى بابانىڭ مەلۇم مىقداردىكى مالىيە ئۇچۇرىغا چوڭ پايچىكى ياخۇ(Yahoo) شىركىتى ئارقىلىق ئىرىشكىلى بولىدۇ. ياخۇنىڭ پەسىللىك دوكىلاتىدا ئالى بابانىڭ مۇۋەپپەقيەتلىك نەتىجىلىرىمۇ بار.ياخۇنىڭ مالىيە دوكىلاتىدكى ئالى بابانىڭ ئەڭ يېڭى نەتجە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، بۇ جۇڭگو شىركىتى ئۈزۈلۈكسىز ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
كىلەر قىتىملىق ئالى باباغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇلارغا ئىرىشىشنىڭ چوڭ پۇرسىتى- مەزكۇر شىركەت ئامېرىكىدا IPO ئېلتىماس قىلغان ۋاقىت. ئالى بابانىڭ ئالدىنقى ئايدىكى ئىپادىسىدە، شىركەتنىڭ ئاللىبۇرۇن ئامېركىدا IPO ئېلتىماس قىلىش پروگىرممىسىنى قوزغاتقانلىقىنى، ئەمما تىخچە بازارغا چىقىش ئېلتىماسى تاپشۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved