تاجاۋۇزچىلىقمۇ ياكى خاتا كىرىپ قېلىشمۇ؟

پۇتىن بىلەن پوروشېىنكونىڭ ئىككىنچى قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىدىن قارىغاندا نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئامالسىزدەك قىلىدۇ. رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىچىلىرى مىنىسكىدا ھېچقانداق ماھىيەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ئەھۋالدا، رۇسىيەنىڭ ئون مۇنتىزىم ئەسكىرىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك جامائەت پىكىرى ئۇرۇشىنى پەيدا قىلدى.


ئۇكرائىنا ئارمىيە دائىرىلىرى قولغا ئالغان رۇسىيە ئەسكەرلىرى كىيىفقا ئېلىپ كېلىندى ھەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. رۇسىيەنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بەس بەستە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى، رۇسىيە بولسا: رۇسىيە ئەسكەرلىرى چېگرادا رازۋېدكا قىلىۋاتقاندا ئۇقۇشماستىن ئۇكرائىنا كىرىپ قالغان دېگەندە چىڭ تۇردى.


ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسى 25-ئاۋغۇست سەھەردە ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايوندا قورال ۋە گۇۋاھنامىسى بار رۇسىيەنىڭ ئون نەپەر پاراشۇت ئەسكىرىنى قولغا ئالدۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە توققۇزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلغان مەيدانغا ئېلىپ بېرىلدى. رۇسىيەلىك ئەسكەرلەر ئاشكارا ھالدا: بىز قەستەن ئۇكرائىنا چېگراسىغا كىرمىدۇق دېدى. ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇلار رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا چېگراسىدا ماشىنىلىق چارلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز توپقا تۇتۇلغان، شوپۇر ئېغىر يارىلانغان، ئارقىدىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. شۇندىلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا خاتا كىرىپ قالغانلىقىنى بىلگەن. چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا رۇسىيە ئارمىيەسى ئوت ئېچىش ھەققىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالمىغان، ئۇلار تۇتۇلغاندا ئوقلىرى بەتلەنمىگەن. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن رۇسىيە ئەسكەرلىرى تۈرمىگە تاشلاندى.

 


بۇ ئۇكرائىنانىڭ تۇنجى قېتىم چېگراسى ئىچىدە رۇسىيەنىڭ مۇنتىزىم ئەسكەرلىرىنى ئەسىرگە ئېلىشى. ئۇكرائىنا دائىرىلىرى: بۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنىڭ دەلىل ئىسپاتى دەپ قارىدى. ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ پاراشۇت ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي تاجاۋۇز قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى رېشىنكو: رۇسىيەلىك بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا كىرىشى ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن دەپ تەكىتلىدى.

 

بۇندىن سىرت ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى يەنە: ئۇكرائىنا گىۋاردىيەسى ئىككى كۈن بۇرۇن ئۇكرائىنانىڭ بايرىقىنى ئېسىۋالغان ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتنىڭ بىر بىرونېۋىك كالونى رۇسىيەدىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى مارىئۇپولغا قاراپ يول ئالدى دېدى. ئۇكرائىنا دائىرىلىرى مۇنداق دېدى: بۇ كالون شەرقتىكى ئەلئارىسىدىكى قوراللىق تەشكىلات كونتروللۇقىغا تەۋە بولمىغان دائىرىدىكى شېرباك يېزىسى ئەتراپىدا چېگرىدىن كىردى، بىز بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىككى تانكىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. لېكىن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، بۇ ئۇكرائىنا قوزغىغان تەشۋىق ئۇرۇشى دەپ قارىدى.


رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا قارىتا، رۇسىيە دائىرىلىرى پەقەت ئەسكەرلەر يولدىن ئېزىپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىققان تاسادىپىي ۋەقە دەت تەكىتلىدى، رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سابىق باش شتاپ باشلىقى يۇرىي بالۇيېۋىسكى مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە ئەسكەرلىرى چېگرىدىن تاسادىپىي ئۆتتى، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا چېگرا بەلگىسى يوق، چېگرا رايونلارمۇ نازارەت قىلىنمىغان، پاراشۇتچى ئەسكەرلەر ئۆزلىرىنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ چېگراسىغا كىرىپ قالغىنىنى سەزمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن: مەن تېخى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالمىدىم، بىلىشىمچە ئۇلار چېگرا چارلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا چېگراسىغا كىرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دېدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇندىن ئىلگىرىمۇ شەرقتىكى ئالاھىدە ھەرىكەتكە قاتناشقان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى رۇسىيە چېگراسىغا كىرىپ قالغان، ئۇلار بەش ياكى ئون ئادەم بولماستىن بەلكى نەچچە ئون ئادەم ئىدى.


موسكۋادىكى ئالاقىدار زاتلار ئومۇميۈزلۈك: بۇ قېتىمقى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ ئۇكرائىنا چېگراسىغا كىرىپ قېلىشى تاساددىپىيلىق دەپ بېكىتتى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ناۋادا رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئۇكرائىنا چېگراسىغا كىرىپ ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتۈمەكچى بولسا، ئومۇميۈزلۈك ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولغان بولاتتى، بۇنداق ئاسانلىقچە قولغا چۈشمەيتتى. بۇندىن باشقا، ناۋادا ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلسا، كىممۇ رەتلىك كىيىنىپ، گۇۋاھنامىلەرنى تولۇق ئېلىپ ئۇكرائىنا چېگراسىغا كىرىدۇ؟.



خەتكۈچلەر:
30-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران 12-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، بىر يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان مەككىدىكى ھەج قىلىشقا قاتنىشىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە دېيىلى...
14-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 13- ماي رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئورناتتى، رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلا مۇسابىقىسىگە چۈشمەيدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قورال-ياراغنى ئۆ...
14-05-2016
ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 12-ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئالدىنقى يىلى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا ئاشلىق كېيىمىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ رايوندا تەخمىنەن 32 مىليون كىشى ئاشلىق بىخەتەرلىك تەھدىت...
14-05-2016
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلىئونېز ھادىسى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى قورغاقچلىق ئاپىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشلىق كەمچىللىك ...
14-05-2016
   5-ئاينىڭ 12-كۈنى، خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باشلىقلار يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن (سولدا) يىغىنغا قاتناشتى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون يىغ...
14-05-2016
       ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئاچىز مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئايدىن بۇيان پاكىستان-ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا كۆپ قېتىم ئاراز...
13-05-2016
         ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
13-05-2016
         دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
13-05-2016
        شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
13-05-2016
       11- ماي برازىلىيە ئالىي پالاتاسى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، جەمئىي 81 پالاتا ئەزاسى ئىچىدىكى 78 پالاتا ئەزاسى زۇڭتۇڭ روسىفنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى. نەتىجىدە 55 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 22 ...
Powered by Leglek