4-سېنتەبىر كەچتە، 5500 دىن ئارتۇق ياپونىيە ئاممىسى توكيودىكى بىر مۇزىكا زالىغا يىغىلىپ، ئابى شېنزو كابىنېتىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا قارشى تۇردى. ياپونىيە سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جىرو ياماگۇچى يىغىلىشتا ئاممىغا، دوستلارنىڭ ئاساسىي قانۇننى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى ئارقىلىق ياپونىيە جامائەت پىكرىنى ئۆزگەرتىشنى ئابى شېنزو كابېنتى بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۇسۇل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
يازغۇچى كېيكو ئوچىئايى ئابى شېنزو ھاكىمىيىتىنىڭ قىلمىشى-دېموكراتىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق دېدى. ياپونىيە كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلىقى كازۇ شىئى ئاممىغا مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش-ياپونىيە ئاممىسىنىڭ ھاياتىنى قوغدىيالمايدۇ، پەقەت تېخىمۇ كۆپ ئامما كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ يېتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئابى شېنزو ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغاندىلا، ئاندىن ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىنى توسقىلى بولىدۇ.يىغىلىشتىن كېيىن، يىغىلىشقا قاتناشقان ئامما كۆپ يولغا بۆلۈنۈپ نامايىش قىلدى.
نامايىشچى ئامما تەشۋىقات ماشىنىسى ئارقىلىق، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئاساسىي قانۇنغا، گۈزەل تۇرمۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئابى شېنزو ھاكىمىيىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى نۇتۇقىنى ئاڭلىدى ھەم پات-پات يۇقىرى ئاۋازدا ئۇرۇشقا، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا، ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قارشى تۇرىمىز دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.يىغىلىشقا قاتناشقان ئادۋوكات ئۇچىدا مۇخبىرغا ئابى شېنزونىڭ كابېنىت ئارقىلىق كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش قارارى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، كىشىنىڭ كۆڭلىگە پەقەتلا ياقمايدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەت كۈزلۈك ۋاقىتلىق پارلامېنت ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئابى شېنزو كابىنېتىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى باشلىنىشى بولدى دېدى.
توكيودا تۇرىدىغان ئوكامۇرا خانىم 20 نەچچە ئىلگىرى جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇغان ئىدى. ئۇ مۇخبىرغا ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسىدىكى ياپونىيەنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەزمۇنى ئەڭ مۇھىم، بىراق ئابى شېنزو كابېنتى ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئابى شېنزو كابىنېتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش خاتالىقى ئۈستىدىكى ئويلىنىشى يېتەرسىز؟ ئۇ زادى نېمە ئۈچۈن ياپونىيەنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىغا سۆرەيدۇ؟ ياپونىيە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قوزغاش خەتىرىگە دۇچ كەلمەكتە دېدى.
كاناگاۋا ئۆلكىسى فۇجىساۋا شەھىرىدىن كەلگەن ئوكامۇرا خانىم بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن، ئۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن پويىزدا بىر سائەت يول يۈرۈپ يىغىلىشقا قاتناشتى. ئۇ مۇخبىرغا مەن كىچىك ۋاقتىمدا دەل ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغاپ، جۇڭگو قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېغىر بالايى-ئاپەت ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇرۇش ناھايىتى قورقۇنچلۇق، ھازىر بولسا ئابى شېنزو ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتى ئادەمگە ئۇرۇش تەھدىتىنى ھېس قىلدۇرۇۋاتىدۇ دېدى.
60 نەچچە ياشلىق يامادا مۇخبىرغا تۈرلۈك جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، %60 تىن ئارتۇق ئامما كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرغان، ئەمما ئابى شېنزو ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ياپونىيەنى داۋاملىق ئۇرۇش پاتقىقىغا سۆرىمەكتە. بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ، بىز ياپونىيەدىكى ئەڭ ئاۋات كوچىلاردا نامايىش قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرگە ئابى شېنزو ھاكىمىيىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇق.
مەن ئابى شېنزو كابېنتىنى ئوڭقانات كابېنىت دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن، بۇ قېتىم ئابى شېنزو ئاياللارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈۋالدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا تېخىمۇ ئوڭقانات سىياسەتۋازلارنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى، بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ دېدى.ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق ئەزاسى روئىچى خاتتورى مۇخبىرغا ئابى شېنزو كابېنتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ناھايىتى مۇھىم تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، مەن ئابى شېنزو كابىنېتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قاراپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەر خەلقىدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى.
ئوكامۇرا خانىم جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىمىيىتىنىڭ ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىسىنى بەكلا چۈشىنىمەن، چۈنكى ئابى شېنزو كابېنتى تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ئۈستىدىكى خاتالىقى ھەققىدە ئويلانماي، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى پەردازلىماقچى بولدى. جۇڭگونىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشى-ھەقلىق ئىش، ئەھمىيىتى ناھايىتى زور دېدى.
![]() |
4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
|
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى قە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved