مۇسكۇۋادا 50 مىڭ ئادەم يىغىلىپ،رۇسىيەنىڭ قىرىمىنى مۇداخىلە قىلغانلىغغا قارشى تۇردى

لەگلەك تورى تەرجىمىسى 

 

3-ئاينىڭ 15-كۈنى،50مىڭدىن ئارۇق كىشى رۇسىيەنىڭ پايتەختى مۇسكۇۋانىڭ شەھەر مەركىزىگە يىغىلىپ،رۇسىيەنىڭ قىرىمنى مۇداخىلە قىلغانلىغغا قارشى تۇردى.16-چىسلا قىرىمدا ئومۇمى خەلق ئاۋاز بىرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.


فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:قارشى تۇرغۇچىلار ئوكرائىنا ۋە رۇسىيەنىڭ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ،شۇئار توۋلاپ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىندىن قۇشۇن چېكىندۈرۈپ،سۇغۇق مۇناسىۋەتلەرچە قارشىلىش ۋەزيىتىدىن چكېنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.


قارشى تۇرغۇچىلار يەنە «پۇتىن،ئوكرائىنادىن ئايرىل»دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى چىقارغان.ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى پىلاكاتلاردا،قارشى تۇرغۇچىلار يەنە پۇتىننىڭ قىلغانلىرنى ناتسىتلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە سۇدۇتېنلەندقا(سابىق سىلۇۋاكىيەگە جايلاشقان ) تاجاۋۇز قىلغان قىلمىشىغا ئوخشاتقان.


قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ كۆلىمى تىزلىكتە كېڭەيگەن.بېيجىڭ ۋاقتى 18:00دە يىغلىش قىلغانلار 5000 ئادەم بۇلۇپ،2سائەتتىن كېيىن،يىغلىش قىلغۇچىلار سېپى شىددەت بىلەن 50 مىڭ ئادەمگە كۆپەيگەن.بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە ساقچى تەرەپ 3000ئادەمنىڭ نامايىشقا قاتناشقانلغىنى بىلدۈرگەن.


ئېنتىرنىت تورىدا،بۈگۈنكى يىغلىپ نامايىش قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونىڭ كۈچۈرۈپ تارقىتىلىشى ئىككى يۈز قىرىق مىڭغا يەتكەن.
ئۇنۋېرسىت پىرۇفىسۇرى يېلەننا ئورلۇۋانىڭ قۇلىدىكى تاختايغا «ئوكرائىنا مۇستەققىل ئىگلىك ھۇقۇقىغا دۆلەت»دەپ يېزىلغان بۇلۇپ،ئۇ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرىگەن:«پۇتىننىڭ ئوكرائىناغا قاراتقان بۇ سىياسەتلىرنى قوللىمايمەن.قىرىمنى قۇشۇۋېلىشقا قارشى تۇرىمەن.رۇسىيە ئوكرائىنا بىلەن چېگىرا لېنىيىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك»ب ەزى قارشى تۇرغۇچىلار يۇقىرى ئاۋازدا:«ئەڭ ئاساسلىق دۇشمەن كېرىمىل سارىيىدا. بىرگە فاشىزىم لازىم ئەمەس،جاھانگىرلىك لازىم ئەمەس» دەپ توۋلىغان.

 


قارشى تۇرغۇچى لىيا ياشىن مۇنداق دېگەن:«بىر ۋەتەننى سۈيدىغانلار،پۇتىن رۇسىيەنىڭ دۈشمىنى.ئوكرائىنا قېرىنداش دۆلەت،پۇتىن ھۆكۈمىتنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنى قېرىنداشلار بىر-بىرنى قىرغىن قىلدىغان دوزاققا كىرگۈزۈشىگە قارشى تۇرىمىز».
قىسمەن سول قانات رادىكاللار يەنە قارا-سېرىق ئارلاش رەڭلىك پىلاكاتلارنى پۇللاڭلاتقان،بۇ ئىنتايىن تالاش-تارتىش بۇلىۋاتقان ئوكرائىنا قۇزغىلاڭچى قۇشۇننىڭ بايرىقى بۇلۇپ. UPA (ئوكرائىنا قۇزغىلاڭچى قۇشۇنى) 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە جانلانغان مىللەتچىلىك تەشكىلاتى بۇلۇپ،ئۇنىڭ كۆرەش نىشانى ئوكرائىنانىڭ مۇستەققىللىغىنى قولغا كەلتۈرۈش بولغان.2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە،بۇ بىر رەسمى قۇراللىق كۈچ گېرمانىيە ئارمىيىسنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىنى تۇسۇش بىلەن بىرگە،ئوكرائىنا چېگىرىسغا كىرگەن سۆۋىت ئىتتپاقى پارتىزانلىرى بىلەن بىللە جەڭ قىلغان.


بۇنىڭدىن باشقا،رۇسىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشچە،يەنە بىر يىغىلىش قىلغۇچىلار سېپىمۇ مۇسكۇۋا شەھەر مەركىزىگە يىغىلغان بۇلۇپ،ئۇلار پۇتىننى قوللىغان،بۇ نامايىشچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 15مىڭ ئەتراپىدا.بىراق ئۇلار قارىماققا كۆڭۈل قۇيۇپ تەشكىللەنگە ئوخشايدىكەن.


3-ئايدىن بۇيان،قارشى تۇرغۇچىلار مۇسكۇۋادىكى Prospekt Sakharova كۇچىسىغا يىغىلغان.بۇنداق ئەھۋال 2011-يىلدىن 2012-يىلغىچە بولغان ئارلىقتىمۇ كۆرۈلگەن بۇلۇپ،ئەينى ۋاقىتتا،پۇتىنغا قارشى تۇرغۇچىلار چوڭ كۆلەمدە كۇچ كۈرسىتىپ نامايىش قىلىش ئېلىپ بارغان.


شىۋېتىسيەنىڭ دېپلۇماتىيە ۋەزىرى Carl Bildt بىلەن Twitter ئوبرۇز ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:«بۈگۈن مۇسكۇۋادىن ئىبارەت بۇ سۆرەت كىشدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى،بۇ باشقا بىر رۇسىيە».

‏لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK



خەتكۈچلەر:
17-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek